ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېندىكى ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئاۋمېن 7-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كومىتېتى سايلىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 09:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېندىكى ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى 13-سېنتەبىر سۆھبەت بايان قىلىپ، ئاۋمېن 7-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كومىتېتى سايلىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ۋە تەشكىللىنىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنى تەبرىكلىدى.

باياناتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاۋمېن 7-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلىمىدا «ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئاۋمېننى ئىدارە قىلىش» تۈپ پىرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە سايلام تەشكىللەپ، سايلام باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ئاخىرقى سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى؛ سايلامغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپىلار ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، سايلامغا قاتنىشىشقا پائال تەييارلىق قىلدى؛ جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر ۋە ئاۋمېن ئاھالىلىرى ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىدا بېرىلگەن دېموكراتىك ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزدى، پۈتكۈل سايلام جەريانىدا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش جانلىق ئىپادىلىنىپ، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھى، توغرا ئىستىل، ئىناق، تەرتىپلىك بولغان يىپيېڭى قىياپەت نامايان قىلىندى. ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيىدىغان قانۇن چىقىرىش كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىدا بېرىلگەن ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە نازارەت قىلىپ، ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەڭ تۈرتكە بولۇپ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有