ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۈزۈك سۇدىن شىمالدىكى 140 مىليون كىشى مەنپەئەتلەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 15:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇققا، يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتقا، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ تەكىتلىدى.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 13-سېنتەبىر مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي لىنىيەسىدە 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان سۇ يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى تاماملاندى، ئوتتۇرا لىنىيەدە يىللىق سۇ يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىڭ %99.76 ى تاماملاندى. ھازىرغىچە، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 46 مىليارد 761 مىليون كۇب مېتىر سۇ يەتكۈزۈلۈپ، 140 مىليون كىشى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش-ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا بارغانسېرى مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى 40 نەچچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى يىراق جەنۇبتىن كېلىدىغان سۇ بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى، تيەنجىن ئاساسەن %100 نى ئىگىلەيدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭنىڭ تۇرۇبا سۈيىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ئۈچتىن ئىككى قىسىم تۆۋەنلىدى، خېبىيدىكى بەش مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن مەزگىل فتورلۇق، قىرتاق، تۇزلۇق سۇ ئىچىش تارىخىغا خاتىمە بەردى.

مىڭ چاقىرىملىق سۇ يەتكۈزۈشتە، جەنۇبتىن شىمالغىچە لىنىيە بويىدىكى 48 دەريا يولى، زور بىر تۈركۈم كۆللەر قايتا ھاياتىي كۈچكە تولدى. شىمالىي جۇڭگو رايونىدا يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ كېتىش، يەر يۈزىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىش يۈزلىنىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى.

بۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي لىنىيەسى، ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا ئارقا-ئارقىدىن سۇ يەتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

يازدا كەلكۈن كېلىش، قىشتا قۇرغاقچىلىق بولۇش، شىمالدا سۇ ئاز، جەنۇبتا سۇ كۆپ بولۇش، سۇ بايلىقىنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى تارقىلىشى ئىنتايىن تەكشىسىز بولۇش-ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي سۇ ئەھۋالى بولۇپ كەلگەن ئىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش، سۇ بايلىقىنى تېجەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئوڭشاش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋادا، رايون ھالقىغان بىر تۈركۈم زور سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى بەرپا قىلدى. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى-ئېلىمىزنىڭ سۇ بايلىقىنى ۋادا، رايون ھالقىپ تەقسىملەشتىكى غوللۇق قۇرۇلۇشى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مۇھىم يوليورۇق بەرگەندىن مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئېچىشقىچە-ئۇ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى-زور ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھە، ئۇنىڭ تۆھپىسى ھازىرغا، پايدىسى كەلگۈسىگە بولىدۇ. ئۇ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شەرقىي لىنىيەسىنىڭ مەنبەسى بولغان جياڭدۇ سۇچىلىق تۈگۈنىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئوتتۇرا لىنىيەدىكى تاۋچا ئۆستىڭى سۇ باشلاش چۈشۈرگۈسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كېمىگە ئولتۇرۇپ دەنجياڭكۇ سۇ ئامبىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، سۇ مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش-باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، ئەسىر قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى بولدى. ئۇ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈشتە، «ئالدى بىلەن سۇ تېجەش، ئاندىن يەتكۈزۈش، ئاۋۋال بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئاندىن سۇ باشلاش، ئالدى بىلەن مۇھىت ئاسراش، ئاندىن سۇ ئىشلىتىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، «ھەم ئادەم تەبىئەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ھەم ئادەم بىلەن سۇ ئىناق بىللە ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش»، «سۇ يەتكۈزۈش، سۇ تېجەشتە تەڭلا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ يوليورۇق بەردى.

ئېلىمىز سۇ بايلىقىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. بېيجىڭ شەھىرى مەملىكەت بويىچە سۇ تېجەشچان رايون بەرپا قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، ئون مىڭ يۈەنلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارىنى 2015-يىلىدىكى 15.4 كۇب مېتىردىن 2020-يىلى 11.2 كۇب مېتىرغا چۈشۈردى؛ تيەنجىن شەھىرى سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى يەرلىك سۇ تېجەش نىزامىنى يولغا قويدى.

تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پاكىز، بىخەتەر سۇ ئىشلىتىشى ئۈچۈن، مەركەز ۋە يەرلىك بۇلغىشى ئېغىر بولغان كۆلەملەشكەن كارخانىدىن 500 نەچچىنى تاقاپ، 300 دىن ئارتۇق يېڭى تۈرنى رەت قىلىپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شەرقىي لىنىيەسىنىڭ «سۈزۈك سۇ كارىدورى»نى بەرپا قىلدى.

ئىلگىرى «يۇندى كۆل» دەپ ئاتالغان نەنسى كۆلى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، سۇ سۈپىتى ياخشى كۆلگە ئايلاندى.

پارتىيە ۋە دۆلەت سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەڭشەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو تەۋەلىكىدە جەنۇب بىلەن شىمال ماسلاشقان، شەرق بىلەن غەرب ئۆز ئارا ھەمكارلاشقان سۇ تورى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، پۇقرالارغا ئۈزلۈكسىز بەخت ياراتماقتا.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سۈزۈك سۇدىن شىمالدىكى 140 مىليون كىشى مەنپەئەتلەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇققا، يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتقا، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ تەكىتلىدى.