ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

130-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ ۋاقتى بەش كۈن بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-14 15:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

سودا مىنىستىرلىقى: 130-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ ۋاقتى بەش كۈن بولىدۇ، توردا سودا ھەمكارلىق ئالاقە سۇپىسى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 14-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رېن خۇڭبىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىننى -130نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى يەنى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رېن خۇڭبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 130-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى ئىلگىرىكى ئۈچ قاراردىن بىر قارارغا تەڭشىلىدۇ، ۋاقتى بەش كۈن بولىدۇ، تور ئىچى ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 16 چوڭ تۈردىكى تاۋارغا ئاساسەن 51 كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدۇ.

ھازىر گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرۇش، يىغىن مۇنبىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، مۇلازىمەت كاپالىتى، ئاخبارات تەشۋىقاتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك، ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە. تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئالدىنقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

130-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ ۋاقتى بەش كۈن بولىدۇ

سودا مىنىستىرلىقى: 130-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ ۋاقتى بەش كۈن بولىدۇ، توردا سودا ھەمكارلىق ئالاقە سۇپىسى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.