ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-14 16:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۈننەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

خەن جېڭ يۈننەننىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۈننەننىڭ تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل، ئېكولوگىيەلىك ئورنى مۇھىم، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش زور قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ مۇھىم جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى خەزىنىسىنى تىرىشىپ ياخشى قوغداش؛ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللانما ۋە ئاساس بىلەن تەمىنلەش؛ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جانلىقلار بايلىقى ئېھتىياجى ۋە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇرۇق بايلىقىنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، مول ياۋا ئۆسۈملۈك ئۇرۇق بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

خەن جېڭ كۈنمىڭ كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى باۋفېڭ نەم يېرىدە كۈنمىڭ كۆلى نەم يەر قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش، تۈزەش خىزمىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، كۈنمىڭ كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كۈنمىڭ كۆلى يۈننەننىڭ «ئېگىزلىك مەرۋايىتى»، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، ئاۋۋال بۇلغاپ كېيىن تۈزەيدىغان كونا يولدا مېڭىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

خەن جېڭ «رەقەملىك يۈننەن» كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، رەقەملىك يۈننەن قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، رەقەملىك ئېنېرگىيە، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى، ئاقىل مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى نۇقتىلىق ئاڭلىدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈننەن مول يېشىل ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە، يېشىل ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە سىرتقا چىقىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش؛

تەمىنات ۋە ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچ چىقىرىپ، كۆمۈر كەسپىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ئىلمىي بېكىتىپ ۋە قاتتىق ساقلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىش؛ رەقەملىك تېخنىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇھىتنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بۇلغىنىشنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۈننەننىڭ مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، غەربىي جەنۇب ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.




中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ يۈننەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ