ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نىڭشيا جياڭتەيپۇ: يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى بۇ يەردىن باشلايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-30 10:58

【يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى ماڭايلى】
نىڭشيا جياڭتەيپۇ: يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى بۇ يەردىن باشلايلى

1936-يىلى 10-ئايدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ گەنسۇنىڭ خۇينىڭ ۋە نىڭشيانىڭ جياڭتەيپۇدا ئۇچراشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن سەپەر غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 7-ئايدا نىڭشيا شىجى ناھىيەسىنىڭ جياڭتەيپۇدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىنى داۋاملىق كۈچ ئۇلاپ مېڭىپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، بىز ھەر بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزىمىزنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.

10-ئاي كىرىشى بىلەن كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلى باشلىنىپ، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى. نىڭشيادىكى جياڭتەيپۇدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر ئۇچرىشىش خاتىرە باغچىسىدا قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى. چۈشەندۈرگۈچى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە 85 يىل ئىلگىرى قىزىل ئارمىيەنىڭ شىجىدىن ئۆتۈپ ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچ بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 7-ئايدا نىڭشيا شىجى ناھىيەسى جياڭتەيپۇ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر ئۇچرىشىش خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر ئۇچرىشىش خاتىرە باغچىسى، خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەرگە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن كەلدىم. بىز يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك، ئۇزۇن سەپەر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بىز ھازىر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەسىرى، ئىككى 100 يىللىق يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزىمىزنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.

بۇلتۇر 11-ئايدا جياڭتەيپۇ تۇرۇشلۇق شىجى ناھىيەسى «نامرات يەر» دېگەن نامدىن قۇتۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جاي قىزىل بايلىق ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «قىزىل ساياھەت» ئارقىلىق يېشىل تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. جياڭتەيپۇ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر ئۇچرىشىش خاتىرە باغچىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ يۈجۇڭ تونۇشتۇرۇپ: بۇ يىل ئېكسكۇرسىيەچىلەر 957 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، دېدى.

خاتىرە باغچىسىنىڭ غەرب تەرىپىدە جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان تاغ جىلغىسى بار. ئەينى يىلى قىزىل 1-يۆنىلىش ئارمىيەسى دەل مۇشۇ يەردىن جياڭتەيپۇغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شيې خۇڭيى قىزىل بايلىقتىن پايدىلىنىپ، بۇ يەردە ماۋجياگۇ قىزىل ئارمىيە كەنتى ئۇزۇن سەپەر روھىنى ھېس قىلىش تەربىيە بازىسى بەرپا قىلىپ، ھەر يىلى شۇ جايدىكى 60 نەچچە كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ 500 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشى كەسىپلەرنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيۈەن شەھىرى ئېگىزلىكنىڭ سوغۇق، سالقىن كىلىمات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىشلىق كۆكتاتلارنى شىمالغا، يازلىق كۆكتاتلارنى جەنۇبقا يۈزلەندۈرۈش تەپەككۇرى بويىچە، دېھقانلارنى ئۆزگىچە كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى، ھازىر شەھەر بويىچە سوغۇق، سالقىن كىلىماتقا ماس كېلىدىغان كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمى 500 مىڭ موغا يېتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ يېڭى يولى ئېچىلدى. جياڭتەيباۋ خوجى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خو يەنخۇڭ: بۇ يىل كۆكتاتلار ياخشى ئۆسۈپ، يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، دېدى. نىڭشيا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈردى. بۇ يىل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مالىيە مەبلىغىدىن 6 مىليارد 310 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان 12 ناھىيە، ئاھالىلەرنى نۇقتىلىق كۆچۈرىدىغان 261 كەنتنى قوللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى ۋە كېڭەيتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نىڭشيا جياڭتەيپۇ: يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى بۇ يەردىن باشلايلى

1936-يىلى 10-ئايدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ گەنسۇنىڭ