ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىنقىلابىيلىقىنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-11 10:34

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتە، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ تېز قۇرۇپ چىقىش شەرت. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قاينام-تاشقىنلىق ئەمەلىيىتىدە، پۈتۈن ئارمىيەنى نەزەرىيە جەھەتتە ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە ئىجاد قىلىشقا يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. خەلق ئارمىيەسى جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى. ئەمدى «سىناق يولىدىكى جاۋاب بەرگۈچىلەر» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىنقىلابىيلىقىنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

باش قىشتىكى خورچىن يايلىقىنىڭ مەركىزىدە بىر مەيدان مۇھىم نۇقتىلارنى كونترول قىلىش ھۇجۇم مانېۋىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. يەر يۈزىدىكى ئاساسلىق ھۇجۇم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يېنىك تىپتىكى قوراللار بىلەن جابدۇقلانغان بىرىكمە يېڭى يېڭى تىپتىكى ئاساسلىق ئۇرۇش موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەپ، ھاۋا بوشلۇقى ۋە ھاۋا، قۇرۇقلۇق يولى قاتارلىق كۈچ ئامىللىرىنى زىچ ماسلاشتۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بىرىكمە يىڭ تۇرۇشلۇق جىتۈەنجۈندىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر-ئەسكەر ئىش ئورنى ۋە كەسپىنى ئالماشتۇردى، قورال-جابدۇقلارنى ئالماشتۇرۇش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن زامانىۋىلاشقان يېڭىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە 78-جىتۈەنجۈنى مەلۇم لۈيىنىڭ ئىشتاب باشلىقى ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئىشتات، قورال-جابدۇق، ئۇرۇش ئۇسۇلى، تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار تەڭشەش ۋە ئىزدىنىشنى باشتىن كەچۈردۇق، قىسىمدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى، قۇرۇلمىسى، ئەندىزىسى، قىياپىتى يېڭىلاندى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جېنى.

83-جىتۈەنجۈنى مەلۇم لۈيىنىڭ «قىزىل گېن رەقەملىك بۇلۇت مەركىزى»دە ئوفىتسېر ئەسكەرلەر يانفون ئارقىلىق كودنى سايىلەپ توردا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكا ۋاسىتىسى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئارمىيە روھى تەربىيەسىنىڭ يېڭى تۇتقىسىغا ئايلاندى. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا مەڭگۈ بويسۇنۇشنى قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

83-جىتۈەنجۈنى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋېي يۇڭ مۇنداق دېدى: بىز دەۋر تەرەققىياتىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ئۇچۇر تور تېخنىكىسى بىلەن تەلىم-تەربىيە ئەنئەنىسى ئەۋزەللىكىنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرىكتۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش داۋامىدا پارتىيەگە سادىق بولۇش گېنىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ تومۇرى ۋە روھىغا سىڭدۈرىمىز.
ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ نۇقساننى تۈگىتىپ، قانۇن-ئىنتىزامنى چىڭىتتى؛ خەلق ئارمىيەسى ئەسلىي مەقسەت، ئەنئەنە، خىسلەتنى قايتىدىن نامايەن قىلىپ، ئىدىيە، ئىستىل، سىياسىي ئېكولوگىيەنى قايتا بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسى ۋە ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ياخشى قىياپىتىنى ياراتتى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي پاراخوت، ئۇرۇش ئاپتوموبىلى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانىغا چىقىپ، مانېۋىر مەشىقىنىڭ 1-سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، قىسىمنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇشلاشقان مەشىقى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. 2018-يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت داغدۇغىلىق مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي فورما كىيىپ ئاساسىي يىغىن مەيدانىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، پۈتۈن ئارمىيەگە: پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقىغا دائىر ئېنىق يۆنىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى مەركىزىي خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك،دەپ بۇيرۇق بەردى.

باش قومانداننىڭ سىياسىي سەپەرۋەرلىكى ۋە دەۋر چاقىرىقى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. شىمالىي ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارت ئۇچۇش چوڭ ئەترىتى» خەلق ھاۋا ئارمىيەسى تۇنجى تۈركۈمدە تەشكىللىگەن، تۇنجى بولۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقان، تۇنجى غەلىبە نەتىجىسىنى ياراتقان قەھرىمان قىسىم. ئۇلار دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلارنى ھەيدەپ، يىراق دېڭىزدا ئۇچۇپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، راست ئوق ئېتىپ، «ھاۋادىكى نەيزە»نىڭ قاتتىق يادرو ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلىدى.

«ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارت ئۇچۇش چوڭ ئەترىتى» نىڭ ئۇچقۇچىسى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز ھەر بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات، ھەر بىر ھەرىكەت، ھەر بىر ئالاھىدە ئەھۋالنى نەچچە مىڭ قېتىم تەتقىق قىلىپ، سانسىزلىغان قېتىم مەشىق قىلدۇق، كۆزىمىزدە پەقەت بىرلا نىشان بار، ئۇ بولسىمۇ غەلىبىدىن باشقا ھېچنېمىنى تەلەپ قىلمايمىز، غەلىبە ئۈچۈن ھېچنېمىمىزنى ئايىمايمىز.

چەكسىز دېڭىزدا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۆپ تارماق ئەترىتى رەقىبى بىلەن ئېلىشىپ، يىراق دېڭىز ئوكياندىكى مەشىقتىن ئۈزۈلدۈرمەي خۇش خەۋەر تارقاتتى. بىپايان ئاسماندا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەربىي تىنچ ئوكيانغا بېرىپ، شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز، ئاراللارنى ئايلىنىپ چارلاپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىزلارنى قالدۇردى. ھازىر پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ھىمايە قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ جەڭگىۋارلىق روھى بىلەن ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئاتلىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىنقىلابىيلىقىنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتە، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ تېز قۇرۇپ چىقىش شەرت.