ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

6-ئومۇمىي يىغىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-15 16:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى

شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر قايسى ساھە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ پائال، قەتئىي سىڭىشىپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ. تەيۋەنلىك قېرىنداشلار تەيۋەننىڭ ئىستىقبالى دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە باغلىق، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى جەزمەن ئىشقا ئاشىدۇ، دېدى.

مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لياڭ يۈۋېي مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېن جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، يېڭى دەۋردە بىز چوقۇم پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىمىز كېرەك، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ياشلىرى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىشى كېرەك.

شياڭگاڭ چاۋجۇلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شۇرۈي مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، دۆلەت شياڭگاڭنى ناھايىتى زور دەرىجىدە قوللىدى، بىز دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە يۇغۇرۇلساقلا شياڭگاڭ ئاندىن ۋەزىيەتكە يېتىشىپ ماڭالايدۇ، ئىستىقبالىمۇ بولىدۇ، تەرەققىي قىلالايدۇ.
ئاۋمېن شەھەر داشۆسىنىڭ ياردەمچى مۇئاۋىن مۇدىرى يې گۇيپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتىدا ئۆتكەن 100 يىللىق ئوخشاش بولمىغان تارىخىي باسقۇچتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەندى، بولۇپمۇ «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش»،«ئاۋمېننى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلدى، بۇمۇ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ساھەسىدە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن بولۇپ قالدى. كەلگۈسىدە ئاۋمېندىكى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم يولغا قويۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاۋمېن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە باش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خې شۆچىڭ مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ توغرا جاسارەتكە ئىگە، مەسئۇلىيەتچان، ئۇ ھەقىقەتەن دۆلىتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى دەپ قارايمەن. رەئىس ئاۋمېنغا كۆپ قېتىم كەلدى، ئۇ ھەر قېتىم ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ناھايىتى تەپسىلىي كۆردى، مەن شى جىنپىڭنى دۆلىتىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ،دەپ قارايمەن.

تەيۋەننىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇ خادىمى خۇاڭ جىشيەن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇلۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش ئېنىق كۆرسىتىلدى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بۇ خىل پىرىنسىپقا تېگىشكە بولمايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرۈلدى. ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىككە كېلىشى مۇقەررەر، جەزمەن بىرلىككە كېلىدۇ، شۇنداقلا چوقۇم بىرلىككە كېلىدۇ، تەيۋەننىڭ مۇشۇ پەيتتە توغرا يولغا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەيۋەنلىك ياش، بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن ۋېنچېڭ مۇنداق دېدى: بىز تىنچ بىرلىككە كېلىش بىلەن ئىككى قىرغاقنىڭ كەلگۈسى يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئىنتىزار، بولۇپمۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى 100 يىللىق مۇساپىدە، جۇڭگو ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىز دەل بۇ دەۋرگە ئۈلگۈرگەن بىر ئەۋلاد ياشلار ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەڭ گۈللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئاشۇرالايمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

6-ئومۇمىي يىغىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى