ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ باش ئىستانسىنىڭ ئولىمپىك قانىلىنى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى دەپ ماختىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-09 16:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ يېقىندا مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە باش مۇھەررىرى شېن خەيشيۇڭغا خەت ئەۋەتىپ، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئولىمپىك قانىلىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ماختىدى، باش ئىستانسىنىڭ ئولىمپىك روھىنى تارقىتىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

باخ خېتىدە مۇنداق دېدى: مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئولىمپىك قانىلىنىڭ جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. باش ئىستانسا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئولىمپىك قانىلى تەسىس قىلىپ، ئولىمپىك روھىنى تارقىتىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. باش ئىستانسىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ۋە جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن كەيپىيات يارىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ ھەمدە پائال قوللايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ باش ئىستانسىنىڭ ئولىمپىك قانىلىنى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى دەپ ماختىدى

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ يېقىندا مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە باش مۇھەررىرى شېن خەيشيۇڭغا خەت ئەۋەتىپ، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئولىمپىك قانىلىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ماختىدى،