ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ ياڭ يامايكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى تاۋارېس فىنسېن بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-22 16:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدا يامايكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى تاۋارېس فىنسېن بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: يامايكا كارىب رايونىدىكى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 2019-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن زۇڭلى خولنىس بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردى. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، بۇنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-يامايكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭ كەلگۈسىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى يامايكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئويناشنى خالايدۇ.

تاۋارېس فىنسېن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، يامايكىنىڭ يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، يامايكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شاۋ خۇڭ جۇڭگونىڭ پارتىيە تۈزۈمى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. لى بىن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ ياڭ يامايكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى تاۋارېس فىنسېن بىلەن كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدا يامايكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى تاۋارېس فىنسېن بىلەن كۆرۈشتى.