ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە نەزەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-23 16:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ئىقتىسادى پات ئارىدا 2021-يىلىنى بېسىپ ئۆتۈپ، 2022-يىلىغا قەدەم قويىدۇ. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنغان ھالدا «نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنات زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بېسىمنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەك» دېگەن مۇھىم ھۆكۈم چىقىرىلدى.

خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلگەنسېرى، دىيالېكتىكىلىق، يىراقنى كۆرۈش نۇقتىسىدىن كەلگۈسى تەرەققىياتقا ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىش ئاساسى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ-بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز ۋە جاسارىتىمىز شۇنداقلا ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز.

سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشقان، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ %8 تىن كۆپرەك ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورنى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، بۇنداق ياخشى بىرىكىش يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ناھايىتى يارقىن بولدى.

لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، كېلەر يىلى ئىچكى، تاشقى مۇھىتتا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار يەنىلا ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، بولۇپمۇ كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇقىرى ئاساسىي ساننىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەكشى يۈرۈشۈشىنى ساقلاش ئۈچۈن يەنە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، «مۇقىم بولۇش» باش رىتىمى بېكىتىلدى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىم بولۇشنى ئالدىغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك.

گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جۈنكو مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ تەمىنات سىستېمىسى مۇكەممەل، دۆلەت ئىچى بازىرى غايەت زور، ئادەم كۈچى بايلىقى يېتەرلىك بولۇش، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئېشىش، تىجارەت-سودا مۇھىتى سەرخىل، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ تىزگىنلەش كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى يەنىلا گەۋدىلىك، بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاش ئىقتىدارىمىز ۋە شارائىتىمىز بار.

يېڭىلىق يارىتىش-كارخانىلارنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، ئۆسۈپ يېتىلىپ زورىيىشىنىڭ مەخپىي شىفىرى شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

2021-يىلى، ئېلىمىز دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپىدە 12-ئورۇنغا ئۆتۈپ، دۇنيادىكى ئوتتۇرا كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا مۇقىم تۇردى. تيەنۋېن 1-نومۇر، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قاتارلىق زور پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكلەش رولى كۆرۈنەرلىك بولدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سانائەت ماشىنا ئادىمى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق تېخنىكا كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى يېڭى مەھسۇلاتلار تېز ئاشتى.

مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى رولى بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتىدۇ. بىر تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغاندا، كۆپ ھاللاردا ئۇششاق كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى، چوڭ كەسىپنى جانلاندۇرغىلى، زور مىقداردا مەبلەغ سالغىلى ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.
بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 39 تىرىليون 955 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشتى. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس، 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرھال كىرىملىكلەر توپىغا ئىگە ئېلىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى روشەن.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك پىروگراممىلارنى چىقىرىپ، يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش-ساغلاملىق، كۈتۈنۈش-ھاۋالىلىك تەربىيىلەش، مەدەنىيەت-ساياھەت-تەنتەربىيە قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكىچە، كەلگۈسىدە بىر قاتار پۇختا تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلىدۇ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچەيتىلىدۇ.

بازار ئەۋزەللىكىنى زورايتىش ئىشىكنى تاقىۋېلىپ يېپىق ھەرىكەت قىلىش بولماستىن، ھەم ئىچكى بازارنى زورايتىش، ھەم خەلقئاراغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش دېگەنلىك. تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك.

ئىلگىرىكى زاۋۇت قۇرۇشنى ئاساس قىلىشتىن بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى ۋە يەر شارى باش ئورگىنى تەسىس قىلىنىشقىچە، بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار جۇڭگوغا ئۈمىد باغلاپ، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى تېزلەتمەكتە. بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، دۆلىتىمىز ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ 1 تىرىليون 42 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.9 ئاشتى.

ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ئېرىك بېرگلوف مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگونىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىلىنىشى! جۇڭگو يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش، جۇڭگو بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىشەنچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

چوڭ بازار چوڭ ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، چوڭ ئېچىۋېتىش چوڭ بازارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش»، «تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، زور تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك». جۇڭگو يەنىمۇ ئېچىۋېتىش داۋامىدا تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە نەزەر

جۇڭگو ئىقتىسادى پات ئارىدا 2021-يىلىنى بېسىپ ئۆتۈپ، 2022-يىلىغا قەدەم قويىدۇ.