ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 8-نۆۋەتلىك كېڭىشى يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-12-23 16:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 8-نۆۋەتلىك كېڭىشى يىغىنى 22-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن كېڭەش ئەزالىرىدىن ھال سورىدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك كېڭىشى مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ ئەل ئىچى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاق ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ياش-ئۆسمۈرلەر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تۆھپە قوشتى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق تەشكىلاتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىردىنبىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان فوندى جەمئىيەت. سۇڭ چىڭلىڭ خانىمنىڭ «مەڭگۈ پارتىيە بىلەن بىللە» بولۇشتەك قەتئىي ئېتىقادىنى نۇرلاندۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي ئاساسنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. تارىخىي ئورۇننى ئىگىلەپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دادىل يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش؛ ئاممىۋى پاراۋانلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، سۇڭ چىڭلىڭ خانىمنىڭ ئالىيجاناب روھى ۋە شانلىق پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى قانۇن-نىزام بويىچە قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، فوند ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىگە ئاۋۋالقىدەكلا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، فوندى جەمئىيەتنىڭ خىزمىتىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى بىن، جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى7-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جيارۈي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

يوۋچۈەن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئ‍‍ۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19-ن‍‍ۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش ئ‍‍ۇلۇغ مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك خ‍‍ۇلاسىلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇد‍رەتلىك د‍ۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەشنىڭ مۇقەد‍د‍ىمىسى ئېچىلدى. جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، دەۋر ئاساسىي تېمىسىنىڭ تۈپ تەلىپىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تىنچلىق، بىرلىككە كىلىش، كەلگۈسى»دىن ئىبارەت باش مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈچلەرنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا 7-نۆۋەتلىك كېڭەشنىڭ خىزمەت دوكلاتى، فوند باشقۇرۇش خىزمىتى دوكلاتى ۋە جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى، سايلام ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك ئەزالىرى ۋۇجۇدقا كەلدى. لى بىن جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 8-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 8-نۆۋەتلىك كېڭىشى يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى 8-نۆۋەتلىك كېڭىشى يىغىنى 22-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى.