ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى «14-بەش يىللىق زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 10:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

«14-بەش يىللىق زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى» 1-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. «14-بەش يىل»دا، تەخمىنەن 120 دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەخمىنەن 20 دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ئىقتىساد ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلىدۇ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد-سودا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ گوخۇا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، مەملىكەت بويىچە تايانچ ئەشيا ئوبوروت ئەسلىھە تورى بەرپا قىلىنىدۇ. «يول + تۈگۈن + تور» ئەشيا ئوبوروتى ھەرىكەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

«14-بەش يىل»دا، ئېلىمىز زامانىۋى ئوبوروتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش چوڭ بازىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، زامانىۋى سودا ئوبوروتى ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىستېمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قاتناش-تىرانسپورت، پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىناۋەت قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىكى تىرەكنى كۈچەيتىپ، مۇكەممەل ئىچكى تەلەپ سىستېمىسىنى يېتىشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ راۋان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى «14-بەش يىللىق زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

«14-بەش يىللىق زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى» 1-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى