ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»نى باھالاپ تارقىتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-03-30 18:03

 

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»نى باھالاپ تارقىتىدۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، نامزات كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 95 يىل بولغان پەيتتە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»نى باھالاپ تارقىتىدۇ.

«1-ئاۋغۇست ئوردېنى» مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قارار قىلىدىغان، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ئىمزا قويۇپ گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىدىغان ئارمىيەنىڭ ئالىي شان-شەرىپى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور تۆھپە قوشقان، ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن ئارمىيەدە چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان  ھەربىي خادىملارغا بېرىلىدۇ. باھالاش، تارقىتىش خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش، ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشنى كۆزلەش، تۆھپە كۆرسىتىش، تۆھپە قوشۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش، قانۇن-بەلگىلىمىگە   قاتتىق ئەمەل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە مەيدانغا كەلگەن قەھرىمان-نەمۇنىچىلار تىپلىرىنى تەقدىرلەش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشقا بولغان يېتەكچىلىك كۈچەيتىلىدۇ.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ نامزات كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»نىڭ نامزات كۆرسىتىش دائىرىسى، شەرتى، سانى ۋە تەرتىپى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ كۆرسىتىپ، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەم، شەرتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي  ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن، نەمۇنىچى دەپ ئاتالغان يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تىپلىرىنى باھالاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»نى باھالاپ تارقىتىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە يۈرۈشۈشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە كۆرسىتىش، نەمۇنىچىلاردىن بولۇش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»نى باھالاپ تارقىتىدۇ

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»نى باھالاپ تارقىتىدۇ،