ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-19 11:01

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34-سانلىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىپ، ئۆز ئىش ئورۇنلىرىمىزدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، ۋەكىللەر پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى جەنشۇ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ھەققىدىكى مۇھىم ئىدىيەنى چوڭقۇر شەرھلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى-ئېلىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلىش-پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە جانلىق ئەمەلىيىتى دەپ كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم ئىدىيە ۋە بايانلار ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئېنىق تەلەپ قويدى.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىدە، بولۇپمۇ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئاساسىي مىزاننى ياخشى ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش-ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش-خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئۇنى خىزمەتلەردە ئومۇميۈزلۈك، توغرا، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم؛ ئۈچىنچى، ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرى ۋەكىللەر ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم؛ تۆتىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىپ، دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە قانۇن بويىچە قاتنىشىشى كېرەك؛ بەشىنچى، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىغا يىلتىز تارتىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم، ۋەكىللەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇشى كېرەك؛ ئالتىنچى، ۋەكىللەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دېگەن بۇ شەرەپلىك نامغا يۈز كېلەلىشى لازىم.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق