ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 115-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-20 14:52

13-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 115-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى فېينىڭ زاكاز مال ۋە ھاسىلىي بۇيۇم قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، كەسپىي مائارىپ قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى قاراپ چېقىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىم قىلىش لايىھەسى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىم قىلىش لايىھەسى، تەيۋەن ئۆلكىسىدىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى كېڭىشىپ سايلاش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار لايىھەلەر قاراپ چېقىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يېسۈي بەرگەن « 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سانكت پېتىربورگدا ئىمزالانغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى توغرىسىدىكى كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامە»گە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ يىغىندا ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى، لايىھە قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.#(ئا*)

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 115-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

13-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 115-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن