ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ مېكسىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى سانچېس بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-20 14:53

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مېكسىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى سانچېس بىلەن ۋىدېيولۇق سۆھبەتلەشتى.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: 2013-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ مېكسىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو-مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردى، بۇ- ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدىگە ئايلاندى. بۇ يىل 2-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ لوپېز بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلىدى. جۇڭگو مېكسىكا بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن مېكسىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى، بولۇپمۇ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو-مېكسىكا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشى، جۇڭگو مېكسىكىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. مېكسىكا لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت، جۇڭگو مېكسىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مېكسىكا مۇھىم تەسىرگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن مېكسىكا قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر ۋە مەدەنىيەت چوڭ دۆلەتلىرى، ئىككى دۆلەت ئادىمىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، جۇڭگو-مېكسىكا دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

سانچېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېكسىكا-جۇڭگو دوستلۇق دەرىخى بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، مول مېۋە بەردى. مېكسىكا بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. مېكسىكا كېڭەش پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېكسىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شېن يۆيۆ سۆھبەتكە قاتناشتى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ مېكسىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى سانچېس بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مېكسىكا كېڭەش