ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

10 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز يېڭىدىن 68 قانۇن تۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-26 12:02

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى» ناملىق يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ ئەنبياۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى يېپىلغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34-سانلىق يىغىنىغا قەدەر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى ماقۇللىدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يېڭىدىن 68 قانۇن تۈزدى، 234 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، قانۇن مەسىلىلىرى ۋە زور مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قاراردىن 99 نى ماقۇللىدى، توققۇز قانۇن چىقىرىش ئىزاھاتى بەردى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈچكە ئىگە قانۇن 292.

شۈ ئەنبياۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئون يىلغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭىدىن تۈزۈلگەن قانۇننىڭ سانى ئۈچتىن بىر قىسىم كۆپەيدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇننىڭ سانى ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، قانۇن مەسىلىلىرى ۋە زور مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قارار 1.5 ھەسسە كۆپەيدى. شۇڭا، سان زور دەرىجىدە ئاشتى.

بۇندىن باشقا، ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇننىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى شۇنداقلا قانۇن سىستېمىسى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتى. ئېلىمىز تۈزگەن يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى قانۇن دەستۇرى نامى بىلەن ئاتالغان مۇھىم قانۇن-ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى رەسمىي يولغا قويۇلدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا


中央广播电视总台 央广网 版权所有

10 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز يېڭىدىن 68 قانۇن تۈزدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى» ناملىق