ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇش تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغانلار 240 مىليونغا يەتتى
مائارىپ مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئالىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلدى، ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان نوپۇس 240 مىليونغا يەتتى، ئالىي مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇش تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى 2012- يىلىدىكى %30تىن ئېشىپ، 2021-يىلى %57.8 كە يېتىپ، 27.8 پوئېنت ئېشىپ، تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 13.8 يىلغا يەتتى، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپا قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ساپاسى مۇقىم ئۆستى.مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «211» قۇرۇلۇشى، «985» قۇرۇلۇشى ۋە «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇش پىلانى ئارقىلىق، بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ۋە زور بىر تۈركۈم پەنلەر دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتتى، جۇڭگو ئالىي مائارىپىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.چىڭخۇا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شيې ۋېيخې مۇنداق دەپ قارىدى: ئالىي مائارىپ ئەنئەنىۋى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدىن بىر خىل يېڭىلىق يارىتىشچان مائارىپ ئەندىزىسىگە قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل