ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گوللاندىيە پادىشاھى بىلەن جۇڭگو گوللاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-19 11:37


شى جىنپىڭ گوللاندىيە پادىشاھى بىلەن جۇڭگو گوللاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى، لى كېچياڭ گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندىر بىلەن ئۆزئارا تېلېگرامما يوللىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. 2014-يىلى مەن پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندىر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنى ئېچىۋېتىلگەن ئەمەلىي ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردۇق، گوللاندىيەنىڭ جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقىدىكى «دەرۋازا» لىق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە بىر-بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. مەن جۇڭگو ـ گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندىر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن. ۋىليام ئالېكساندىر مۇنداق دېدى: 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش جانلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، گوللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قالتىس ھەم مول نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا ۋە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. رۇتتې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوللاندىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: پاتىگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ گوللاندىيە پادىشاھى بىلەن جۇڭگو گوللاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

شى جىنپىڭ گوللاندىيە پادىشاھى بىلەن جۇڭگو گوللاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى