ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-20 14:36

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدا «يېڭى دەۋر ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش» مەخسۇس تېمىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ۋە سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىشنى ئىجتىمائىي قاراش، ئىدىيەۋى ئاڭدىن باشلاپ، چوڭقۇر قاتلاملىق شەكىلسىز توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىدىغان ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. 

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 80 گە يېقىن ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى، 30 ئەزا، مۇتەخەسسىس يىغىندا سۆز قىلدى، 370 دىن ئارتۇق ئەزا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسى ۋە كىتاب ئوقۇش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇپىسى ئارقىلىق پىكىر بايان قىلدى. ئەزالار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. 

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. 

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، لى بىن، سۇ خۇي، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي يىغىنغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، ئەزالار بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. 

تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدا «يېڭى دەۋر ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش» مەخسۇس تېمىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى،