ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-20 16:47

[جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېرىم يىللىق مەلۇماتى] بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد يەنىمۇ چوڭقۇر بىرلەشتى 

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادى باسقۇچ خاراكتېرلىك، تۇيۇقسىز زەربىگە بەرداشلىق بېرىپ، مۇقىم ئاشقان، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتى مۇقىم بولغان، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز ئۆسكەن. 

1-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ كۆلەملەشكەن سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشتى، كۆلەملەشكەن سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىشى 4-ئايدا مەنپىي %2.9گە چۈشۈپ قالدى، 5-ئايدا مۇسبەت %0.7 ئېشىشقا ئۆزگەردى، 6-ئايدا تېز ئۆرلەپ %3.9 كە يېتىپ، v ھەرىپى شەكلىنى ھاسىل قىلدى. 

كەسىپ زەنجىرى تەمىنات زەنجىرى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى، ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، دەرھال پۈتۈن مەملىكەتتە كارخانا «ئاق تىزىملىك» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ يولغا قويدى، ھازىر چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى ئىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى. 

ئەنخۇي ئۆلكىسىنى مىسالغا ئالساق، شۇ جاي نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى تەمىنات زەنجىرى «ئاق تىزىملىك»ىنى بەرپا قىلىپ، ئۆلكىلەر ئارا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. 

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىز ئۇچۇر خەۋەرلىشىش كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. 

5G ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلغان زاۋۇت قۇرۇلۇشى يەنىمۇ تېزلىتىلىپ، سانائەت ئالاقە تورى ياسىمىچىلىقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. 

ئېلىمىزدە جەمىي 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 1 مىليون 854 مىڭى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2-پەسىلدە 300 مىڭغا يېقىن ئاساسىي پونكىت كۆپەيتىلىپ، «ھەممە ناھىيەگە 5G، ھەممە كەنتكە كەڭ بەلباغلىق تور يەتكۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، توردا مال سېتىۋېلىش، تور مائارىپى، يىراقتىن داۋالاش قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىپ، رەقەملىك كەسىپلەر ياخشى ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. 

6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى، يۇمشاق دېتال كەسپى، خەۋەرلىشىش كەسپى ۋە ئېنتېرنېت كىرىمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 10 تىرىليون يۈئەندىن ئاشتى. 

تەرجىمان:بەختىيار تۇردى 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى

[جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېرىم يىللىق مەلۇماتى] بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىساد يەنىمۇ چوڭقۇر بىرلەشتى