ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يەر شارى كارخانىچىلار ئالاھىدە سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-21 15:13

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يەر شارى كارخانىچىلار ۋىدېيولۇق ئالاھىدە سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، سۆز قىلدى ھەمدە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. سۆزلىشىشكە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب رىياسەتچىلىك قىلدى، 50 نەچچە دۆلەتتىن 400گە يېقىن كارخانىچى قاتناشتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك خىرىس ۋە ئېنىقسىز ئامىللار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ۋىدېيولۇق يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىدۇ. تىنچ، مۇقىم مۇھىت- تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداشنى خالايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ھەم تەخىرسىز ۋەزىپىسى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىنى قوغدىشى كېرەك. ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قەتئىي قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 2-پەسىلدە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇم قاتارلىق مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى بىردىنلا زورايدى، 4-ئايدا ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر تۆۋەنلىدى. بىز كەسكىن تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقتىدا تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، مۇقىم ئېشىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» يولىنى تۇتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىدە بېكىتىلگەن سىياسەتتە ئالدىن كۈچەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر 33 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە يولغا قويدۇق، 5-ئايدا ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئاستىلىدى، 6-ئايدا ئىقتىساد مۇقىم ئۆرلىدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر بىر قەدەر تېز ئەسلىگە كېلىپ، مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەردى، شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، مانا بۇلار ئىككىنچى پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.بىز شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى تۇراقلاشتۇرۇشتا يەنىلا جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تەرەققىيات جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ تېزدىن نورمال يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشىشىدىكى ئاساسلىق تىرەك- ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىم قىلىش. 2020-يىلىدىن بۇيان، بىز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق زور زەربىلەرگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە يولغا قويغان سىياسەت كۆلەم جەھەتتە مۇۋاپىق بولدى، بىز «باستۇرۇپ سۇغىرىش» يولىنى تۇتمىدۇق، شۇنداقلا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شارائىت ياراتتۇق. بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، كۆمۈر، توك بىلەن مۇقىم تەمىنلەش دۆلەت ئىچىدىكى مال باھاسىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا ئاساس سالدى، شۇنداقلا بۇ يەر شارى ئاشلىق، ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق. جۇڭگودا 160 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى بار، خەلق ئەمگەكچان، ئەقىل ـ پاراسەتلىك، بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ چوڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق. بىز ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، قاراتمىلىقىنى ساقلاپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا داۋاملىق كۈچەپ ياردەم بېرىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلىدۇق. ماكرولۇق سىياسەت ھەم توغرا، كۈچلۈك ھەم مۇۋاپىق بولۇپ، زىيادە يۇقىرى ئېشىش نىشانى ئۈچۈن زىيادە كەڭ كۆلەملىك قوزغىتىش تەدبىرى، ئارتۇق پۇل تارقىتىش، كەلگۈسى ئۈچۈن ئالدىن چىقىم قىلىش يولىنى تۇتمايمىز. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بىر قەدەر ياخشى سەۋىيەگە يېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش بوشلۇقى خېلى چوڭ، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان كۆپەيمە باج سوممىسى ئالدىنقى يېرىم يىلدا 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، سىياسەتنىڭ سىجىل يولغا قويۇلۇشى ئەمەلىي باج قايتۇرۇش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس قەرزىنى ئەمەلىي ئىشلىتىش، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت خاراكتېرلىك، ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش، تېخىمۇ كۆپ ماددىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدۇ. بىز ئىسلاھات ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى تېخىمۇ زور قوزغىتىمىز. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنياغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، سىرتقا ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا، ئادىل سودىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا ۋە رايون سودا ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت ئىككى «چاق»نىڭ تەڭ ھەرىكەتلىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ساھەلەرگە قانۇن بويىچە باراۋەر كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئادىل رىقابەت داۋامىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بىز خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە تېخىمۇ دەل جايىدا، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋىزا بېرىش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسەتلىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارا تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى يەنىمۇ تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كۆپەيتىپ، چېگرادىن چىقىپ سودا قىلىش ۋە چېگرا ھالقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-چەت ئەل خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشى ۋە تاشقى ئالاقە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. لى كېچياڭ يەنە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى، ئىستېمال سىياسىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد
تەرجىمان: پاتىگۈل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يەر شارى كارخانىچىلار ئالاھىدە سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يەر شارى كارخانىچىلار ۋىدېيولۇق