ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-25 10:40

7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 14 تىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسى خەينەن ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا قويۇپ بېرىلىپ، بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا توغرا كىردى، ۋەزىپە تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسىنى قويۇپ بېرىشكە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى.

يەنە ليۇ خې، جاڭ يۇشيا، ۋېي فېڭخې، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى.

خەن جېڭ تەتقىقات ۋە سىناققا قاتناشقان بارلىق خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
بۇ-ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى تۈرى تۇرغۇزۇلغاندىن بۇيانقى 24-قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى. ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسى-جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئىككىنچى بۆلمە بۆلىكى شۇنداقلا تۇنجى ئىلمىي تەجرىبە بۆلمىسى بولۇپ، خىزمەت بۆلمىسى، ھاۋا كىلاپان بۆلمىسى ۋە بايلىق بۆلمىسىدىن تەركىب تاپقان، ئاساسلىقى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۇرۇش، بۆلمىدىن چىقىش پائالىيىتى ۋە بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ شۇنداقلا تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسىنىڭ زاپىسى سۈپىتىدە بوشلۇق پونكىتىنى باشقۇرىدۇ. ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسى ئالدىن بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە يادرولۇق بۆلمە بىرىكمىسى بىلەن جىپسىلاشتى، ئەمدى تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان «شېنجۇ 14-نومۇر»نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسىگە كىرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 14 تىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسى