ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسى بىلەن تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسىنىڭ بىرىكمىسى ئوربىتىدا جىپسىلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-25 10:41

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ھالەت ئورۇنلاشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق تاماملانغان، بېيجىڭ ۋاقتى 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت ئۈچتىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە، تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسىنىڭ ئالدى ئېغىزى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك جىپسىلاشقان، پۈتكۈل جىپسىلىشىش جەريانىغا تەخمىنەن 13 سائەت كەتكەن. بۇ-ئېلىمىزنىڭ 20 تونناژلىق ئىككى ئالەم ئۇچقۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوربىتىدا جىپسىلاشتۇرۇشى شۇنداقلا بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئوربىتىدا تۇرغان مەزگىلدە تۇنجى قېتىم بوشلۇقتا جىپسىلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسى بىلەن تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسىنىڭ بىرىكمىسى ئوربىتىدا جىپسىلاشتى

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلمىسى