ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-31 10:40

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 36-سانلىق يىغىنىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى.

كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇدا بەش يىل ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش قانۇنى، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش قانۇنى، مۇھىت ئاسراش قانۇنى قاتارلىق ئون ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قانۇنى ۋە قارارىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشتى.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئېكولوگىيەلىك قىممىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ماس قەدەمدە ئېشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئاساسى تېخى پۇختا ئەمەس، بىز شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ تەشۋىق-تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جەمئىيەتكە، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

يىغىندا ئاساسىي قانۇن، قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ گۇاڭچۈەننىڭ تېلېگراف تورى ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ نىڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئايرىم-ئايرىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى يۇقىرىقى ئىككى لايىھە بىر قەدەر پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى.

يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ بىننىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا رېۋىزىيە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلدى. رېۋىزىيە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ يۈلياڭ ئىزاھات بەردى. مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چېقىلدى.

مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گاۋ خۇچېڭ ئىزاھات بەردى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى؛ مالىيە مىنىستىرى ليۇ كۈن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى؛ دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېي ياشانغانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

يىغىندا ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې يىتىڭنىڭ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي دافېڭنىڭ دائىمىي كومىتېت قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ پەن ـ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭنىڭ تۆت دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوتلاش دەرىجىلىك فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك دوكلاتى؛ ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ يۈلياڭنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىك لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەلەر قاراپ چېقىلدى. تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 36-سانلىق يىغىنىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى.