ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-10 09:30

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تارماقلاردا لېكسىيە سۆزلەپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ۋاڭ چېن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسلىق نەتىجىلىرى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر تونۇش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم پىرىنسىپى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرى قاتارلىق يەتتە جەھەتنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ھەققىدە چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلىدى ۋە شەرھلىدى.

ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش»-پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈكسەك ئورتاق تونۇشى ۋە ئورتاق ئىرادىسىگە ئايلاندى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە، گۈللەنمە ساھە، چەتئەللەرگە ئالاقىدار ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باشلىقى خۇ جيەنگو جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە لېكسىيە دوكلاتى بەردى. خۇ جيەنگو ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتى قاتارلىق سەككىز جەھەتتىن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق چۈشەندۈردى. دوكلات يىغىنى «نەق مەيدان+ۋىدېيو» شەكلىدە ئېچىلدى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى 6000 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

خۇ جيەنگو مۇنداق دېدى: «مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار» مەخسۇس باب سۈپىتىدە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ-پارتىيە قۇرۇلتىيى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قارىتىپ چىقارغان يېڭى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما، ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ بولۇپ، مەنىسى چوڭقۇر، ئەھمىيىتى زور. بىز پەن تەتقىقات ئەمەلىيىتى داۋامىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، 20-قۇرۇلتايدىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

دوكلات يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خۇ جيەنگو يەنە بىر قىسىم ئاكادېمىكلار ۋەكىللىرى ۋە ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باشلىقى لى شياۋخۇڭ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىدە لېكسىيە دوكلاتى بەردى. لى شياۋخۇڭ دوكلاتىدا پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرى، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ھەققىدە چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلىدى ۋە چۈشەندۈردى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئاكادېمىكلىرى، ئاكادېمىيە ئورگىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەت بېرىش مەركىزىدىكى 200 دىن ئارتۇق كادىر دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى. لى شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا ئۆتكەللىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.

دوكلات يىغىنىدىن كېيىن، لى شياۋخۇڭ يەنە بىر قىسىم ئاكادېمىكلار ۋە ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇردى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تارماقلاردا لېكسىيە سۆزلەپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.