ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

10-ئايدا ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-10 10:31

جۇڭگو ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جەمئىيىتى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 10-ئايدا جۇڭگودىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 88.2 بولۇپ، 9-ئايدىكى بىلەن تەڭلەشتى، لېكىن سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش-تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش كەسپى كۆرسەتكۈچىدە ئۆرلەش كۆرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ماكرولۇق ئىقتىسادىي تەسىرات كۆرسەتكۈچى 0.2 نۇقتا، بازار ئېھتىياجى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بازار كۆرسەتكۈچى 0.1 نۇقتا، ئەمگەك كۈچى كۆرسەتكۈچى ۋە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىمۇ 0.1 نۇقتا ئۆرلىدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

10-ئايدا ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى

10-ئايدا جۇڭگودىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 88.2 بولۇپ، 9-ئايدىكى بىلەن تەڭلەشتى، لېكىن سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش-تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش كەسپى كۆرسەتكۈچىدە ئۆرلەش كۆرۈلدى.