ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئاساسىي قاتلامدا-«تېخىمۇ ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىش»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-10 10:38

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى گۈيپىڭ شەھىرى يىفۇ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى چېن دۇڭخەن دەرس مۇنبىرىگە قايتىپ كەلدى.

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. «قانداق ئادەمنى تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، ئادەمنى كىم ئۈچۈن تەربىيەلەش» مەسىلىسى چېن دۇڭخەن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە.

گۈيپىڭ يىفۇ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدە، مەكتەپنىڭ 5 تۈردىكى 40 تىن ئارتۇق تاللاش دەرسلىك سىستېمىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. «ھەممە ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بولۇش»-چېن دۇڭخەننىڭ ئۈمىدى.

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، بېيخەي يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونى دېڭىز-ئوكيان كەسپى بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، گۇاڭشى جېڭۋۇ دېڭىز-ئوكيان كەسپى پاي چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى باۋ جۈخۈي بېيجىڭدىن بېيخەيگە قايتىپ كېلىپلا، شىركەتنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئوراپ قاچىلاش سېخىغا كىردى.

دېڭىز بويىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا «مەسىلە كۆرۈلسە باۋ جۈخۈينى ئىزدەش» كۆپچىلىكنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشىنىڭ ئاساسى. كۆپ يىللاردىن بۇيان باۋ جۈخۈي ئىشقا ئىشچىلاردىن بالدۇر كېلىپ، ئۇلاردىن كېيىن ئىشتىن چۈشتى.

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىدىغان ئۆگىنىشچان جەمئىيەت، ئۆگىنىشچان چوڭ دۆلەت قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باۋ جۈخۈينىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى چوڭقۇر، ئۇ ئىشچىلارغا قىلىدىغان ئىش تېپىپ بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىركەتتىكى 300 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كۇرسىغا قاتناشتى ھەمدە كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى.

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى.

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، گۇاڭشى رۇڭشيەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى خۇاڭ مەن: دوكلاتتىكى ھەر بىر جۈملە سۆز كۆڭلىمىزدىكى سۆزلەر، دېدى.

رۇڭشيەن ناھىيەسىدىكى ئانا دەريا شيۇجياڭ دەرياسى بويىدا ياشانغانلار سەيلە قىلسا، بالىلار خۇشال-خۇرام ئوينايدۇ، كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشكەنلەر بۇ يەردىن توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بۇ مەنزىرە خۇاڭ مەننىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇماي، تەۋەلىكىمىزدىكى رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئاساسىي قاتلامدا-«تېخىمۇ ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىش»

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى گۈيپىڭ شەھىرى يىفۇ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى چېن دۇڭخەن دەرس مۇنبىرىگە قايتىپ كەلدى.