ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-10 10:38

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن فنومپىندىكى تىنچلىق بىناسىدا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىدۇ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. رەئىس شى جىنپىڭ 2016-يىلى كامبودژادا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملاشتۇردى. باش ۋەزىر ئەپەندى يۇقۇم تۇيۇقسىز پەيدا بولغان پەيتتە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى چەتئەل رەھبىرى، كامبودژا يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان مەن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بارغان دۆلەت، بۇ جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ بىر-بىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو ئەزەلدىن چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، خەلقئارا ۋە رايون سەھنىسىدە مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، كامبودژا بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كامبودژا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كامبودژا بىلەن كېلەر يىلىدىكى «جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇق يىلى» پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، كامبودژانىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى، كامبودژانىڭ سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتكە بىۋاسىتە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىشنى، كامبودژانىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن كامبودژا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كامبودژانىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرى يۈرۈشلۈك يىغىنىنى ياخشى ئېچىشىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك ئورنىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.

خۇڭسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامبودژا بىلەن جۇڭگو جان جىگەر دوستلار، كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى كامبودژا خەلقىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. كامبودژا بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، كامبودژا-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىققا دائىر 10 نەچچە ھۆججەتنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى ھەمدە فنومپىن-سىخانوك پورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، خۇڭسېن تىنچلىق بىناسىدا لى كېچياڭ شەرىپىگە داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شۇ كۈنى لى كېچياڭ كامبودژا مۇستەقىللىق خاتىرە مۇنارى ۋە شاھنىشاھ سىخانوكنىڭ ھەيكىلىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.

شياۋ جيې يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن فنومپىندىكى تىنچلىق بىناسىدا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن سۆھبەتلەشتى.