ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى 43 كە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:23

سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقاردى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: مەملىكەت بويىچە بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى بوشلۇق ئىقتىساد رايونى، شاڭخەي خۇەيخەي شىنتيەندى ئىمپورت سودىسى ئىقتىدار رايونى، تيەنجىن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونى، گۇاڭدۇڭ شېنجېن چيەنخەي شېكۇ ئەركىن سودا بۆلەك رايونى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىمپورت سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن 29 ى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىدۇ. ھازىرغىچە، ئىمپورت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى 43 كە يەتتى.

سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمپورت دائىرىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىش جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. جۇڭگو ئۇدا 13 يىل دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىمپورت دۆلىتى بولۇپ، 210 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئېكسپورت بازىرى، 60 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت بازىرىغا ئايلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو ئىمپورتىنىڭ دۇنيا ئىمپورتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %10.6 كە يەتتى. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىمپورت ھەر قايسى سودا ئېكسپورت دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچلۈك مەدەت بولدى.

بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئىمپورت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سودىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئىمپورتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپكە مۇلازىمەت قىلىش، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى 43 كە يەتتى

سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقاردى،