ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن تەنتەربىيەنىڭ تۇرمۇشىمىزنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىگە نەزەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:39

بۇ يىل جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە تەنتەربىيە بۇيۇملىرى رايونى ۋە مۇسابىقە مەخسۇس رايونى 3-قېتىم تەسىس قىلىندى، بۇ مەخسۇس رايون «تەنتەربىيە پەن-تېخنىكىسى ئارقىلىق ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ تەنتەربىيە يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمىگە ئېلىپ كىرىشكە ئىلھاملاندۇردى.

بۇ يىل جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە تەنتەربىيە بۇيۇملىرى رايونى ۋە مۇسابىقە مەخسۇس رايونى 3-قېتىم تەسىس قىلىندى، بۇ مەخسۇس رايون «تەنتەربىيە پەن ـ تېخنىكىسى ئارقىلىق ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ تەنتەربىيە يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمىگە ئېلىپ كېلىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىش، ئاسىيا بويىچە تۇنجى كۆرگەزمە قىلىش، جۇڭگودا تۇنجى قېتىم تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. مەخسۇس كۆرگەزمە بۇيۇملىرى-تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ۋە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۇنيادىكى 10 نەچچە داڭلىق كەسپىي تەنھەرىكەت ۋە مۇسابىقە ماركىسىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. بىز بۇ يەردە يېڭىدىن گۈللەنگەن تەنھەرىكەت، يېڭى تىپتىكى مەھسۇلاتلار، يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ، تەنتەربىيەنىڭ تۇرمۇشىمىزنى قانداق ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلالايمىز.

دالىدا قونۇش، سۇ ئۈستى پالاق تاختىسى، دولقۇن يېرىش تەنھەرىكىتى، تاغدا ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق تاماشىبىنلار ئويلىغانلىكى دالا ھەرىكىتىنى نەق مەيداندىكى مودېللاردىن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. كۆرگەزمىگە ئۇدا تۆت يىل قاتناشقان دىكانون «يەر شارى تەنھەرىكەت مەيدانى»نى باش تېما قىلىپ، يېشىل تەنھەرىكەت ئىدىيەسىنى دالا، سۇ ئۈستى، شەھەر قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك تەنھەرىكەت مەنزىرىسىگە سىڭدۈردى. كۆرگەزمە سۇپىسىدا «تاغ ـ دېڭىز» تېما قىلىنغان، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار ئېكولوگىيەلىك لايىھەلەنگەن بولۇپ، كىشىلەرگە شۇ مۇھىتتا تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

دىكانوننىڭ جۇڭگودىكى مۇئاۋىن باش لىدىرى ۋاڭ تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تەڭداشسىز. تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى، پۇقرالارنىڭ تەنھەرىكەت ساغلاملىق ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتتىن باشقا، نۇرغۇن يېڭىدىن گۈللەنگەن تەنھەرىكەت قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن تەبىئەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان، تەبىئەتكە تۇتىشىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى. جۇڭگو بازىرىدا كۆپچىلىككە تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات، تېخىمۇ ساغلام، قولايلىق تۇرمۇش ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

كۆپ-كۆك ئاسماندا ئاق بۇلۇتلار لەيلەپ تۇراتتى، ھەممە يەردە رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، شاڭخەي خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدا، ۋېلىسىپىت مىنىش يولىدا دائىم ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار كۆپ بولۇپ، شەھەر بىر مەيدان «ۋېلىسىپىت مىنىش قىزغىنلىقى»نى كۈتۈۋالماقتا. 5-نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە چاقماق ۋېلسىپىت يەنە بىر قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى. VADO SL تىپلىق چاقماق ۋېلىسىپىتنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە مىنىش ئۇسۇلى ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتكە ئوخشاش، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەڭشەلگەن توك ياردەمچى سىستېمىسى كىشىلەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راھەت يول يۈرۈشى ۋە چېنىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

چاقماق ۋېلىسىپىت جۇڭگو بازىرىنىڭ تەرەققىيات باش نازارەتچىسى ياڭ شۇسەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ تارقىلىشى ۋە كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، يەنە جۇڭ تيەنشى بىلەن باۋ شەنجۈنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ۋېلىسىپىتتىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەتنى قايتىدىن چۈشىنىشنى ئويلايدىغان، ۋېلىسىپىت مىنىش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى خالايدىغان بولدى».

سىكېچېرىسنىڭ جۇڭگوغا كىرگىنىگە 15 يىل بولغان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئارامبەخشلىك پەن-تېخنىكىسى ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى.

سىكېچېرىسنىڭ جۇڭگو ماركىسى ۋە تارقىتىش يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش لىدىرى جاڭ رۈييەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 15 يىلدىن بۇيان بىز جۇڭگو بازىرىغا بولغان سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. 8-ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسى تەيساڭ شەھەرلىك ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىمۇ باشلاندى. 3 مىليارد يۈەنلىك بۇ تۈر سىكېچېرىس ماركىسىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا بولغان ئىشەنچىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش يېتىشتۈرۈش ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونىدا، پەن-تېخنىكىلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تەنتەربىيەدە ئىشلىتىلىدىغان قاتلانما ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، قېلىنلىقى 2 سانتىمېتىرغا يەتمەيدىغان دالا كىيىمى نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى ئادەتتىكى 7 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئوخشاش. بېيجىڭ قاتلانما ماتېرىيال تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئالىمى جۇڭ فېيپېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قاتلانما ماتېرىيال بىر خىل نانومېتىر يېپىق تۆشۈكلۈك «ئەۋرىشىم» ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان، ئىسسىقلىق ساقلايدىغان يېڭى ماتېرىيال؛ بۇ تېخنىكا يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدا، خەلقئارا پاتېنت، دۆلەت پاتېنتى ۋە نەچچە ئون مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى قاتلانما ماتېرىياللارنى سىرتتا كۆرىدىغان مۇسابىقە تۈرىگە ئىشلىتىپ قىزغىن دولقۇن قوزغىدى. بۇ كوللېكتىپ 2021-يىلى تۇنجى قېتىم بازارنى تەمىنلىگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن كىيىم-كېچەك ماركىلىرى بۇ تېخنىكا ئارقىلىق تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىپ ساتتى، ئۇنىڭ يېنىكلىكى ھەم ئىسسىق ساقلاش ئۈنۈمى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە مەزگىلىدە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئىتتىپاقى تەنتەربىيە كەسپى مەخسۇس كومىتېتى يەنە «تەنتەربىيە+ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات» مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرگەزمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

ECOكرىپتون تەنچىسىنىڭ بەرپاچى ھەمراھى چېن ديەن ديەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلار يېڭىدىن گۈللەنگەن تەنھەرىكەتنى تاللىدى. كەلگۈسىدە، تەنتەربىيە كەسپى «مەزمۇن+پەن-تېخنىكا» تەنتەربىيە مەنزىرىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كىشىلەرنى ياخشى تەنتەربىيە ئىستېمال تەسىراتىغا ئىگە قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باش تېما سارىيىمۇ 3-قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى. كۆرگەزمە سۇپىسىدا قۇت بويۇمى، ئىزناك، شوئار قاتارلىقلار بىر-بىرلەپ كۆرسىتىلدى، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ نادىر ناخشىلىرى ۋە ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تاۋارلىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى.

خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2023-يىلى 9- ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىدۇ، جەمئىي 40 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنىدۇ. مۇسابىقىدە «يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تېجەشلىك، مەدەنىي بولۇش» ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، بولۇپمۇ «ئاقىل ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، خاڭجۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن ۋېيچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرگەزمىگە ئېلىپ كىرىشتىكى مەقسىتى بۇ خەلقئارالىق سۇپا ئارقىلىق، خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەدەنىيەت تەشۋىقاتىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ماركا تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، خاڭجۇ ھېكايىسى، جېجياڭ ھېكايىسى، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جېجياڭچە سالاپەت، خاڭجۇچە پۇراق، رەڭدارلىق»تىن ئىبارەت ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، ئاسىيا ۋە دۇنياغا «خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەم بولۇش» قىزغىن تەكلىپى چىقىرىش.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن تەنتەربىيەنىڭ تۇرمۇشىمىزنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىگە نەزەر

بۇ يىل جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە تەنتەربىيە بۇيۇملىرى رايونى ۋە مۇسابىقە مەخسۇس رايونى 3-قېتىم تەسىس قىلىندى، بۇ مەخسۇس رايون «تەنتەربىيە پەن-تېخنىكىسى ئارقىلىق ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ،