ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى ۋە لائوس زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-15 09:43

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى فنومپىندا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا ۋە لائوس زۇڭلىسى پەنكەن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ گېئورگىيېۋا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى نۇرغۇن خىرىسلار ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىق ۋە ماكرولۇق ئىقتىسادى سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، چېكىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل 2-پەسىلنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.

بىز ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتتۇق، ھازىر مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 10-ئايدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى %2.1ئاشتى، بۇ يىل ئاشلىق مەھسۇلاتى ئېشىپ مول ھوسۇل ئېلىندى، ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشمۇ مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. بىز ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، پۈتۈن يىلدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىمىز.

گېئورگىيېۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ دەسلىپىدىكى ماكرولۇق سىياسەتتە ئىمكانىيەت قالدۇرغانلىقى توغرا تەدبىر، يېقىنقى مەزگىلدىكى ماكرولۇق سىياسەتنىڭ مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدۇق. جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايمىز.

لى كېچياڭ پەنكەن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىلار، ياخشى دوستلار. جۇڭگو لائوس بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو لائوس بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لائوسنىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش كېلىشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، لائوسلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قايتىپ كېلىپ ئوقۇشنى خالايدىغانلىرىنىڭ تولۇق قايتىشى» نى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو لائوسنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى ۋە قوللاشنى خالايدۇ.

پەنكەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لائوس-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى ھەم مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لائوس جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. لائوس جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، لائوس-جۇڭگو تۆمۈريولىنىڭ پائال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى ۋە لائوس زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى فنومپىندا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا ۋە لائوس زۇڭلىسى پەنكەن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.