ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودا مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىدا تەمىنات ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-25 18:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 25-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

سودا مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىدا تەمىنات ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك بولۇپ، يۇقۇم بىر قەدەر ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ مال مەنبەسىنى تەشكىللەش ۋە يۆتكەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئاخىرقى تەقسىملەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز.

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، سودا مىنىستىرلىقى سودا ساھەسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئاھالىلەرنى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە ھەرقايسى ئۆلكىلەردە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سودا مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىدا تەمىنات ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك

سودا مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىدا