ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-04 16:01

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ۋە ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۇەن فۇجوڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى نۇەن چۈنفۇ، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ قاتارلىق ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى

12-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭگونىڭ ۋىيېتنامدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

كورېيە زۇڭتۇڭى يون سوكيول 12-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭگونىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ياد ئەتتى، كورېيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كورېيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىرىلانكا زۇڭتۇڭى ۋىكراماسىنخا، زۇڭلىسى گۇنناۋاردىنا جۇڭگونىڭ سىرىلانكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى، سىرىلانكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پاكىستان زۇڭلىسى شاباز جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ پاكىستاننىڭ ئۇلۇغ دوستى ئىكەنلىكىنى، پاكىستان خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقى بىلەن مەڭگۈ بىللە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گابون زۇڭلىسى ئوسۇكا 12-ئاينىڭ 2-كۈنى گابون زۇڭتۇڭى بونگو ۋە گابون ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگونىڭ گابوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى، دوست جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.