ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 09:41

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا داۋاملىق تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ ۋە خەت ئەۋەتىپ ھەمدە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى نۇەن چۈنفۇ، زۇڭلى فەن مىڭجېڭ، پارلامېنت رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگو پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپە قوشتى. يولداش جياڭ زېمىن بىلەن ۋىيېتنام رەھبەرلىرى بىرلىكتە بېكىتكەن «ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، قوشنىلار ئىناق دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش» فاڭجېنى ۋە ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ھەمدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىدا چوقۇم ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

نېپال زۇڭتۇڭى باندارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ئاجايىپ رەھبەر ۋە يىراقنى كۆرەر سىياسىيون بولۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. نېپال رەئىس جياڭ زېمىننىڭ نېپال بىلەن جۇڭگونىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى باشتىن-ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان، پادىشاھ ۋارىسى قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە دوستانە جۇڭگو خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.

گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېينمېيېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگوغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىسمى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى بىلەن مەڭگۈ زىچ باغلانغان. بىز ئۇنىڭ گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز.

كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونى، ئۇنىڭ ئاجايىپ رەھبەرلىكى جۇڭگو خەلقىگە ئىلھام بېرىپلا قالماستىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. مۇشۇنداق قايغۇلۇق پەيتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن.

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە قىرغىزىستان جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو خەلقىدىن ئەڭ چوڭقۇر ھال سورايدۇ.

تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردى مۇھەممەدوف مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىن ئەپەندى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى شۆھرىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، ئۇنىڭ تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جياڭ زېمىن ئەپەندى ئۆزبېكىستان-جۇڭگو ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، ئۆزبېكىستان بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ.

77-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى كوروسى ب د ت يىغىنىغا ۋاكالىتەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سوراپ، جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئۇلۇغ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونى يېتەكلەپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە ب د ت دا گەۋدىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا داۋاملىق تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ ۋە خەت ئەۋەتىپ ھەمدە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.