ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارادىكى ئەربابلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-06 10:10

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: =

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خەلقئارادىكى ئەربابلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

پاكىستان پىلان كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، تاكسىلا ئېغىر تىپتىكى ماشىنا زاۋۇتىنىڭ سابىق باشلىقى ئەكرەم شەيخ مۇنداق دېدى :ئالدى بىلەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قەدىرلىك قەدىناس دوستۇم رەئىس جياڭ زېمىننىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمەن، مەن ئىلگىرى رەئىس جياڭ زېمىن بىلەن بىللە ئىش قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان، رەئىس جياڭ زېمىن يىراقنى كۆرەر ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە رەھبەر ئىدى، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە پاكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەمرۇ مۇسا مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىن ئەپەندى قالتىس رەھبەر، مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان، مەن مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى بولغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولدۇم، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز ئاستىدا، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتى، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ناجىفى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان، 2002-يىلى ئۇ ئىراندا زىيارەتتە بولۇپ، ئىران-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن، مەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

تەرجىمان: ئامانگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارادىكى ئەربابلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خەلقئارادىكى ئەربابلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.