ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-06 10:14

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا داۋاملىق تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاش ھەم باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، مەن بارلىق جۇڭگو خەلقىگە ئەڭ چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن.

سېيشېل زۇڭتۇڭى رامكالاۋان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جياڭ زېمىن ئەپەندى جۇڭگونى ئىقتىسادنى تېز ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتەكلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. جياڭ زېمىن ئەپەندى بۈگۈنكى دەۋردىكى ئافرىقا-جۇڭگو دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ياخشى ئاساس سالغان.

ئېرىتېرىيە زۇڭتۇڭى ئىساياس مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن يىراقنى كۆرەرلىككە، تولۇپ-تاشقان ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىگە زور تۆھپە قوشقان.

نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېنگوب مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس جياڭ زېمىننىڭ نامبىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۈچۈن يوقىتىش بولۇپلا قالماستىن، نامىبىيە ئۈچۈنمۇ يوقىتىش.

پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا مۇنداق دېدى: جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ كىشىلەرنىڭ ئېسىدە ساقلىنىدۇ.

بىرازىلىيەنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى لۇلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئاجايىپ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىليونلىغان خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. مەن جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە جۇڭگو خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

يەمەن زۇڭتۇڭ رەھبەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم، مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋېرا، گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى دۇنبۇيا، يېشىل تۇمشۇق زۇڭتۇڭى نېۋىس، ئوتتۇرا ئافرىقا زۇڭتۇڭى تۇۋادېرا، كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى، گىۋىنېيە بىسسائۇ زۇڭتۇڭى ئېنبالو، موزامبىك زۇڭتۇڭى نيۇسى، نىگېر زۇڭتۇڭى بازۇم، سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بۇرخان، ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى راكالى، تونگا پادىشاھى تۇپۇ ئالتىنچى، كىرىباتى زۇڭتۇڭى ماماۋ، ۋانۇئاتۇ زۇڭتۇڭى ۋۇروباراۋۇ، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى كاسىس، فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو، نورۋېگىيە پادىشاھى خارالد بەشىنچى، ئېستونىيە زۇڭتۇڭى كارىس، دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھى مارگېرىت ئىككىنچى، سىلوۋېنىيە زۇڭتۇڭى پاخور، لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى پانكان، نېپال زۇڭلىسى دېئۇپا، ماۋرىتىئۇس زۇڭلىسى جاگنات، ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا زۇڭلىسى بىروۋىن، ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى كالساكاۋ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى گرېنسپان، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى جاۋ خۇلىن، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرىي، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گەيت، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى بان كېمون ۋە خەلقئارا بامبۇك تەشكىلاتى قاتارلىقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىدىن ئەڭ سەمىمىي ھال سورىدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

يېقىندا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا داۋاملىق تەزىيە تېلېگراممىسى