ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-06 10:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: 

يېقىندا 120 نەچچە دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈردى.

رۇسىيە، كۇبا، ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، بىرازىلىيە، مېكسىكا، ۋېنېسۇئېلا، تونگا، سولومون تاقىم ئاراللىرى، گېرمانىيە، يېڭى زېلاندىيە، شۇنداقلا تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، مولدوۋا، ئارگېنتىنا، پاناما، دومىنىكا، سالۋادور، نىكاراگۇئا، ئېكۋاتور، تىرىنىداد ۋە توباگو، يامايكا، باربادوس، باھاما، مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسى، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە، شىۋېتسىيە، ئىسلاندىيە، لاتۋىيە، ئىرېلاندىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، چېخ، ئىسپانىيە، ئېستونىيە، پولشا، گىرېتسىيە، سىپرۇس، سىلوۋېنىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، ئالبانىيە، كانادا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە بېرىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى. ئەلچىلەر يولداش جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت




中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈردى

يېقىندا 120 نەچچە دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈردى.