ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تيەنجىن:تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 10:34

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور ى 31-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

تيەنجىن شەھىرى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئون تۈرلۈك ھەرىكەت»نى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتتى.

بۇ بىر نەچچە كۈندە، تيەنجىن پورتى باجدىن خالىي رايونىدا، لىيەنشياڭ يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ بازىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ كەسىپ رايونى ئەقلىي ئىقتىدارلىق نەرسە تورى، رەقەملىك تەسۋىر قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئاز مىقداردىكى كۆپ تۈركۈم مۇرەككەپ تىپلىق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشنى يوچۇقسىز ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇنجى يىلى 3 مىليون كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىلىپ، مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چوڭ-چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، تيەنجىن بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆزلەپ ئون تۈرلۈك ھەرىكەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرىكەت لايىھەسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ تۈزۈپ، ھېسابات شەكىللىك، تىزىملىك شەكىللىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىر تيەنجىن شەھىرى بىر تۈركۈم 10 مىليارد دەرىجىلىكتىن يۇقىرى چوڭ تۈرلەرنى پىلانلاپ شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىدىن 3448 زاپاس تۈرنى كۆپەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.

تۈر قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈش بىلەن بىللە، تيەنجىن «تەتقىق قىلىپ ئېچىش» قا كۈچ سەرپ قىلدى. تيەنجىندە دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش تيەنجىن مەركىزى، دۆلەتلىك بىرىكمە بىيو تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك زور يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 151ى بار. شۇ جاي يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق 12 كەسىپ زەنجىرىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دۆلەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش تيەنجىن مەركىزىنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلات سانى 15 مىڭدىن ئاشتى. پەن-تەتقىقات خادىملىرى ئاپتوموبىلنى كەڭ كۆلەمدە تەقلىد قىلىپ ھېسابلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئاپتوموبىل لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ ياسىشىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

تەرجىمان: ئىمىنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

[ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش] تيەنجىن:تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى

[ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش] تيەنجىن:تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى