ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمىنى ياخشى ئېلىش]

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 11:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كۈرەش قىلىش روھى بىلەن ۋاقىتنى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى، جايلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كونكرېت پىلانى ۋە ھەرىكەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەت ئىسلاھاتى، ئۈنۈم ئىسلاھاتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى تۈۋرۈك كەسىپلەرنى پۇختىلاپ، گۈللەنمە كەسىپلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى پىلانلىدى. شېنجېندا بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە 266 چوڭ تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇنىڭغا تەخمىنەن 329 مىليارد 530 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە كەسىپ ساھەسىدىكى تۈر 96 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يېرىمدىن ئاشتى، يەنلو ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىل كەسپى رايونى، پىڭخۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق رايونى، چيەنخەي شېنجېن-شياڭگاڭ يېڭىلىق يارىتىش كەسپى رايونى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ تۈرلىرى تېز ئەمەلىيلەشتى. ئۆلكە بويىچە ئىش باشلانغان، كېلىشىم ئىمزالانغان چوڭ تۈر مىڭدىن، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

فوشەن «سودىگەر چاقىرىش ئۆمىكى» يېڭى يىلدا ئىشقا چۈشۈپلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 11 ئۆلكە، 23 شەھەرگە بېرىپ سودىگەر چاقىردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يېڭى بىر يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىپ، «قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلەتتى.

گۇاڭدۇڭنىڭ ياسىمىچىلىق ئاساسى پۇختا. يېڭى بىر يىلدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياسىمىچىلىقنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ كەسىپ، چوڭ سۇپا، چوڭ تۈر قاتارلىقلارنى تۇتقا قىلىپ، 20 ئىستراتېگىيەلىك كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىگە قاراپ ئاتلاندى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

[ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمىنى ياخشى ئېلىش] يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى ئۇرغۇتىلدى

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كۈرەش قىلىش روھى بىلەن ۋاقىتنى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى،