ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاشلىق ئېلىم-سېتىم ساھەسىدىكى ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ ئون تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 17:07

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا ئاشلىق ئېلىم-سېتىم ساھەسىدىكى ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ ئون تىپىك دېلونى ئاشكارا ئۇقتۇردى.

بۇ ئون تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە: جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ باۋيىنىڭ ئاشلىق كەسپىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىگە خېرىدار چاقىرىشقا ئارىلىشىش ۋە قول تىقىش، پارا ئېلىش دېلوسى؛ سەنشى ئۆلكىلىك ئاشلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ياڭ سۈيتىڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ تەدبىر بەلگىلەپ دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش، مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، پارا ئېلىش دېلوسى؛ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ تيەنشىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشى كۈچلۈك بولماسلىق، پارا ئېلىش دېلوسى؛ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ئاشلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى خۇ دۇڭشېڭنىڭ تەۋەلىكىدىكى ئورۇنلار تەرىپىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ شەخسىي خىراجەت چىقىم قىلىش، پارا ئېلىش دېلوسى؛ فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لۇ لىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پايدا قوغلىشىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىش، زاپاس ئاشلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولماسلىق، پارا ئېلىش دېلوسى؛ جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى شىركىتى گۇاڭشى شۆبە شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ دۇڭشېڭنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، پارا ئېلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ئۈچۈن قانۇنسىز پايدا ئۈندۈرۈش دېلوسى؛ ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئاشلىق گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى جۇ شىنكەينىڭ «بۇرۇنقى ئاشلىقنى يېڭى ئاشلىق ئورنىدا سېتىش»، «ئاۋۋال يىغىپ كېيىن يۆتكەش»، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پۇل ئۆتنىگە بېرىپ، يۇقىرى ئۆسۈم ئېلىش، پارا ئېلىش دېلوسى؛ شەنشى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى ۋاڭ دۇڭفېڭنىڭ زاپاس ئاشلىقنى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېتىش، مەخسۇس مەبلەغنى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقۇرۇش، پارا ئېلىش دېلوسى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھەرلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسىغا كاپالەت قىلىش مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى شيۇڭ جۈننىڭ ئاشلىقنى ساختا ئالماشتۇرۇش، تەييار ئاشلىقنى ۋاكالىتەن زاپاس ساقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولماسلىق، خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش دېلوسى؛ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيلىن شەھەرلىك 1-، 3-ئاشلىق ئامبىرىنىڭ سابىق مۇدىرى زېڭ گۈيلياڭنىڭ زاپاس ئاشلىقنى ساختا ئالماشتۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ۋاكالىتەن ساقلاش، ھۆكۈمەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، پارا ئېلىش دېلوسى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىشى؛ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتلاممۇ-قاتلام كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلامدىكى دۆلەت ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئىچكى جەھەتتىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېتەرسىز بولۇش، بوش قېلىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشى؛ دائىملىق نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاشلىققا چېتىشلىق چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ۋە تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشلىق ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق زاپىسى ۋە ئېلىم-سېتىم تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەشتە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاشلىق ئېلىم-سېتىم ساھەسىدىكى ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ ئون تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا ئاشلىق ئېلىم-سېتىم ساھەسىدىكى ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپ ئون تىپىك دېلونى ئاشكارا ئۇقتۇردى.