ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش] «جۇڭگو يورۇقلۇق جىلغىسى»: پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، قۇدرەت تېپىش يولىدا مېڭىش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 14:11

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، قۇدرەت تېپىش-دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشنىڭ ئاساسى، بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»، «پەن-تېخنىكىنىڭ جان تومۇرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك». ۋۇخەن دۇڭخۇ يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دۇنيادىكى ئوپتىك تالا، ئوپتىكىلىق كابېل تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش چوڭ بازىسى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ «جۇڭگو يورۇقلۇق جىلغىسى» دېگەن گۈزەل نامى بار. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە ئۈچ قېتىم خىزمەت تەكشۈرۈپ، يورۇقلۇق جىلغىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى تۈزۈپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېخىمۇ يارقىن يېڭىلىق يارىتىش نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى.

«چاڭئې»نىڭ ئايغا چىقىشى، «يەتىكەن»نىڭ يول كۆرسىتىشى، «كۈنلوڭنىڭ»نىڭ پەرۋاز قىلىشى ...... يېڭى دەۋردىكى بۇ ئون يىلدا، جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ زور نەتىجىلەر يورۇقلۇق ئېلېكتىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ يورۇقلۇق ئېلېكتىر كەسپىدە ۋۇخەن ئەڭ ئالدىدا ماڭماقتا. بۇ يەردىكى «جۇڭگو يورۇقلۇق جىلغىسى»دا ئېلىمىزدىكى تۇنجى كىۋارتىس ئوپتىك تالا بارلىققا كەلگەن، ئېلىمىزدىكى تۇنجى يورۇقلۇق توك يەتكۈزۈش سىستېمىسى قۇرۇلغان ......

«يورۇقلۇق جىلغىسى»نىڭ تەرەققىياتىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. ئون يىلدا، باش شۇجى يورۇقلۇق جىلغىسىدا ئۈچ قېتىم خىزمەت تەكشۈرۈپ، ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 7-ئايدا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يورۇقلۇق جىلغىسىغا تۇنجى قېتىم كېلىپ خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىزدەك بۇنداق چوڭ دۆلەت باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكا بېقىندىسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ. جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا، ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنىڭ «بار-يوقلۇق» مەسىلىسىدۇر. ما شىنچياڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ھەربىي بۇيرۇق كاپالەتنامىسى» بېرىپ، لازېر نۇر ئۈسكۈنىسى تەتقىق قىلىپ ياساشنى چۆرىدەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 3 مىليارد يۈەن تەتقىقات خىراجىتى ئاجرىتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان لازېر نۇر كېسىش ماشىنىسى، تۇنجى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك لازېر نۇر ئۆزىكى ياساپ، 60 نەچچە تۈردە دۆلەت ئىچىدە بىرىنچى بولدى.

2018-يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يورۇقلۇق جىلغىسىغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، كۆپچىلىكنى «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا خام خىيالنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىگە تايىنىش»، «يادرولۇق تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەش»كە ئىلھاملاندۇردى.

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چۆرىدىگەن 50 نەچچە ئالىي مەكتەپ، 100 دىن ئارتۇق پەن-تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە مىڭلىغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى يورۇقلۇق جىلغىسىغا يىغىلدى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىدا، دۇنياغا يۈزلەنگەن زور بىر تۈركۈم «يورۇقلۇق جىلغىسى ئىجادىيىتى» ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.

2022-يىلى 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يورۇقلۇق جىلغىسىغا يەنە بىر قېتىم كەلدى، بۇ قېتىم ئۇ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، مۇھىم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ، پەن-تېخنىكىنىڭ جان تومۇرىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇستەقىللىقى، بىخەتەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ئون يىل ئىلگىرى باش شۇجىغا يۈز تۇرانە دوكلات بەرگەن ما شىنچياڭ بۇ قېتىم باش شۇجىغا يەنە بىر قېتىم دوكلات بەردى.

يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىنىڭ جان تومۇرىنى ئىگىلەش كېرەك. يېڭى بىر يىلدا، پەن-تەتقىقات خادىملىرى تېخىمۇ چوڭ نىشانغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يورۇقلۇق خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.

«يورۇقلۇق جىلغىسى خادىملىرى» تېخىمۇ كەڭ ساھەدە قوللىنىشنى نىشان قىلىپ، ئۆزى لايىھەلىگەن قۇرۇلما ئارقىلىق، ئالاھىدە ئوپتىك تالانى ئالەم قاتنىشى، دېڭىز-ئوكيان ۋە داۋالاش ساھەسىگە يۈزلەندۈردى.

«يورۇقلۇق جىلغىسى خادىملىرى»تېخىمۇ كەڭ ئالەم بوشلۇقىغا يۈزلىنىپ، جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھىنى تېخىمۇ يىراقنى كۆرۈش، تېخىمۇ توغرا ئۆلچەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشتى.

پەن تەتقىقات يولىدىكى «يورۇقلۇق قوغلاشقۇچىلار» يېڭى مۇساپىدە، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى نىشانلاپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېخىمۇ يارقىن يېڭىلىق يارىتىش نەتىجە قەغىزى تاپشۇرماقتا.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

[يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش] «جۇڭگو يورۇقلۇق جىلغىسى»: پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، قۇدرەت تېپىش يولىدا مېڭىش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، قۇدرەت تېپىش-دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشنىڭ ئاساسى، بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»، «پەن ـ تېخنىكىنىڭ جان تومۇرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك».