ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش] خېنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ جەنۇب سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىغا بېرىپ، سورت يېتىشتۈرگۈچىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئارزۇسىنى مۇنبەت زېمىنغا يىتلىز تارتقۇزغانلىقىغا قۇلاق سېلىش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 15:40

ھەر يىلى قىش ۋە ئەتىيازدا خەينەنگە جايلاشقان دۆلەتلىك جەنۇب سورت يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقات سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەمدى لېدۇڭ لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان خېنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسى جەنۇب سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى سورت يېتىشتۈرگۈچىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئارزۇسىنى مۇنبەت تۇپراققا «يىلتىز تارتقۇزغانلىقى»غا قۇلاق سالايلى.

ئەتىگەن سائەت يەتتىدە، خېنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ جىخۇا كۆممىقوناق يېتىشتۈرۈش ئەترىتىدىكى 30 نەچچە ئەزانى باشلاپ ئېتىزدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شامالدا مايسىلار يەلپۈنۈپ، يېشىل دولقۇن ھاسىل قىلغان ئىدى. بازىدا تېرىلغان 260 مو كۆممىقوناق تەجرىبە ئېتىزى سۈنئىي ئۇسۇلدا خالتا كىيدۈرۈش، چاڭلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىنى كۈتىۋالدى.

تاڭ جىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى كۈز ۋە قىش پەسلىدە، سورت يېتىشتۈرگۈچىلەر خۇددى «پەسىل قۇشلىرى»دەك شىمالدىن يىغىۋېلىنغان ئۇرۇقنى خەينەنگە ئېلىپ كېلىپ داۋاملىق تېرىپ، سورت يېتىشتۈرۈش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى.

شالغۇتلاشتۇرۇلغان كۆممىقوناق سورتىنى بىرلەشتۈرۈپ يېتىشتۈرۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە پەقەت ئونمىڭدىن بىر بولىدۇ، گېن ئەۋرىشكىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە پەن تەتقىقات خادىملىرى ئىزچىل ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلىدى، چاڭلاشتۇرۇشتىن ھوسۇل يىغىشقىچە پۈتۈنلەي قول بىلەن ئىشلىدى.

تاڭ جىخۇا ئېتىزلىقتا كۆممىقوناقتىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى. تاڭ جىخۇا جەنۇب سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىدا كۆممە قوناق سورتىنى يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتى بىلەن 30 يىل شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ جەنۇب سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكىلەرنىڭ ئەستايىدىللىقى، چىدامچانلىقى، ئېگىلمەس-سۇنماس روھىنى ياشلارغا قالدۇردى.

خېنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى شى جىنجىن مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، مەن ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم پەن تەتقىقات يېرىگە بېرىپ، كۆممىقوناق مايسىلىرىنىڭ ئاستا ـ ئاستا چوڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى كۈنلىرىمنى ناھايىتى مەنىلىك ھېس قىلدىم.
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، ئېتىزلىقتا بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەن سورت يېتىشتۈرگۈچىلەر يەنە يىغىن زالىغا كېلىپ، ئىككىنچى كۈنى ئېھتىياجلىق بولغان خىزمەت ماتېرىياللىرىنى تەييارلىدى. ئۇلار «ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش»نىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا يېڭىدىن ئويلاندى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سالدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

[چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش] خېنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ جەنۇب سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىغا بېرىپ، سورت يېتىشتۈرگۈچىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئارزۇسىنى مۇنبەت زېمىنغا يىتلىز تارتقۇزغانلىقىغا قۇلاق سېلىش

ھەر يىلى قىش ۋە ئەتىيازدا خەينەنگە جايلاشقان دۆلەتلىك جەنۇب سورت يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقات سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى كۈتۈۋالىدۇ.