ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ 1-پەسىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «تۇنجى ئىشىنى غەلىبىلىك باشلاش»نى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 15:40

جايلار دىققەتنى مۇھىم كەسىپ، ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم تۈرلەرنى مەركەزلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى چوڭ تۈرلىرىدە يېقىندا مەركەزلىك ئىش باشلاندى. مەركەزلىك ئىش باشلانغان قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن يۇقىرى تۈر 2506 بولۇپ، 1 تىرىليون 549 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى 446 مىليارد يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليارد يۈەندىن يۇقىرى تۈر 20 بولۇپ، تۈر سانى، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. ۋۇخەن شەھىرى بۇ قېتىم قىممىتى جەمئىي 305 مىليارد يۈەندىن يۇقىرى چوڭ تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاپ، جەمئىي 302 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى.

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدىكى تۇنجى تاشيول تۈرى ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت بىرلىشپ مەبلەغ سېلىش تۈرى-312-دۆلەت يولى خېفېي-ليۇئەن يولى (فېيشى بۆلىكى)نى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىش تۈرى يېقىندا رەسمىي باشلاندى. بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ يول يۈرۈش شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، رايون يول تورىنىڭ ئۆزئارا راۋانلىشىشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خۇاڭشەن شەرقىي دېڭىز مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ خۇاڭشەن شەرقىي دەرۋازىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يۈنگۇ ئارقان يولىنىڭ كېيىنكى يېرىم بۆلىكى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

سىچۈەننىڭ دېياڭدا، سەنشىڭدۈي مۇزېيى يېڭى ساراي قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 300 نەپەر قۇرۇلۇشچىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆي ئىچىنى بېزەش، سىرتقى پەردە تام قۇرۇلۇشى ۋە ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە يېڭى ساراي بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، شۇ چاغدا بۇ قۇرۇلۇش غەربىي جەنۇب رايونىدىكى ئەڭ چوڭ خارابىلىك تۈرىدىكى مۇزېي يەككە قۇرۇلۇشى بولۇپ قالىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ 1-پەسىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «تۇنجى ئىشىنى غەلىبىلىك باشلاش»نى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى

جايلار دىققەتنى مۇھىم كەسىپ، ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم تۈرلەرنى مەركەزلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.