ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چۇڭچىڭ يېڭى قۇۋۋەتنى قوزغىتىپ، قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 09:57

بۇ يىل چۇڭچىڭ ئالاھىدە كەسىپلەر توپىنى تېز يېتىشتۈرۈپ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدىكى كۆلىمى مىڭ موغا يېقىن كېلىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قاتتىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن چۇڭچىڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ دەرىجىسى تېز ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاپتوموبىل سىچۈەن بىلەن چۇڭچىڭنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، سىچۈئەننىڭ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، چۇڭچىڭنىڭ كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەل، تولۇق يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن، ئىككى جاي ئىقتىدار جەھەتتە بىر-بىرىنىڭ كەمكوسلىرىنى تولۇقلاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. غەربىي رايون (چۇڭچىڭ) ئىلىم-پەن شەھەرچىسىدە، 21 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جىنفېڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى ئېچىلىپ، بىر ئايدىلا سىچۈەننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش، ئاپتوموبىل ئۆزىكى قاتارلىق 13 تەتقىقات ئاپپاراتىنى توختام ئىمزالاپ بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، كەسىپ قىممىتى 50 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن.

بۇنىڭغا ماس ھالدا، چۇڭچىڭ بۇ يىل شەھەر دەرىجىلىك زور قۇرۇلۇش تۈرىدىن 1123 نى يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا - يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، سىچۈەن بىلەن چۇڭچىڭدا دۇنياۋى كەسىپلەر توپى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

چۇڭچىڭ كەسىپتىن باشقا يەنە سىرتقا ئېچىۋېتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە سىچۈەن بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، ھەرىكەت لايىھەسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ تۈزۈپ، ھېسابات شەكلى، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چۇڭچىڭ يېڭى قۇۋۋەتنى قوزغىتىپ، قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

بۇ يىل چۇڭچىڭ ئالاھىدە كەسىپلەر توپىنى تېز يېتىشتۈرۈپ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.