ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇبېي كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 09:58

يېڭى بىر يىلدا، خۇبېي ئۆلكىسى مۇھىم نۇقتىنى ئاپتوموبىل ياسمىچىلىقى، فوتو ئېلېكتون ئۇچۇرى قاتارلىق ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىغا قارىتىپ. كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىپ، سۈپىتى يۇقىرى، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك تەمىنات زەنجىرى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇشنى تېزلەتتى.

ۋۇخەنگە جايلاشقان چوڭ تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل باتارېيە بازىسىدا، 1000دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى ئالدىراش ئىشلىمەكتە. قۇرۇلۇۋاتقان 3-قارارلىق تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى 3-ئايدا پۈتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ۋۇخەننىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىدىكى باتارېيە ياساش ھالقىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسى، ئېلېكتىر ماشىنىسى ۋە توك بىلەن تىزگىنلەش سىستېمىسىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى تولۇقلاش كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇبېي يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، پەن-تېخنىكا كىچىك گىگانت كارخانىلىرى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرىدۇ. خۇبېي ئۆلكىسى قۇرۇش زەنجىرى، تولۇقلاش زەنجىرى، كۈچەيتىش زەنجىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئالتە تەرەپنى چۆرىدەپ، 24 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 2024-يىلى، خۇبېي ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 300 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.

بۇ يىل خۇبېي ئۆلكىسى فوتو ئېلېكتىرون ئۇچۇرى، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىل، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى داۋاملىق يېتىشتۈرىدۇ، دۇنياۋى كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇبېي كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

يېڭى بىر يىلدا، خۇبېي ئۆلكىسى مۇھىم نۇقتىنى ئاپتوموبىل ياسمىچىلىقى، فوتو ئېلېكتون ئۇچۇرى قاتارلىق ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىغا قارىتىپ. كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىپ، سۈپىتى يۇقىرى، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك تەمىنات زەنجىرى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇشنى تېزلەتتى.