ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نىڭشيا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 09:58

نىڭشيا يېڭى يىلدا يېڭى نىشاننى كۆزلەپ، يېشىل ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تۇتقا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان يېشىل كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

چاغانلىق دەم ئېلىش ئاياغلىشىشى بىلەنلا، يىنچۈەن نىڭدۇڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى بازىسىدىكى باۋفېڭ ئېنېرگىيە ساقلاش باتارېيەسىنىڭ ئۆزىكىنى ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇپ تەڭشەش جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

بۇ نىڭشيانىڭ تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى. بۇ يىل 7-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 280 مىليارد يۈەنگە يىتىدۇ.

ئېنېرگىيە ساقلاش يېشىل ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى. بۇ تۈر نىڭشيا دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر مۇقىم بولماسلىق، سىجىل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەسەيتىدۇ. نىڭشيا ئېلىمىزدىكى تۇنجى يېڭى ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن،بۇ يىل يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئورۇنلاشتۇردى؛ مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، باج قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، باشلامچى كارخانا+كەسىپلەر توپى+ئۆزگىچە باغچە رايونى يېشىل ئېنېرگىيە كەسىپ ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ. بۇ يىل يېشىل ئېنېرگىيە نۇقتىلىق تۈرىدىن 88 نى يولغا قويۇش پىلانلاندى، بۇنىڭغا 80 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدۇ.

نىڭشيا يەنە ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئۇل قۇرۇلۇش، بۈيۈك مەلۇمات قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن جۇڭۋېينىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك يېشىل باغچا رايونىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورى نىڭشيا تۈگۈنى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. 2025-يىلى مۇلازىمىتېرنىڭ قۇراشتۇرۇش ئىقتىدارى 7 مىليونغا يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ بۈيۈك مەلۇمات ۋە ئالاقىدار كەسىپلەر كىرىمىنىڭ 300 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

يېشىل سانائەت كەسپىدىن باشقا، نىڭشيا بۇ يىل يەنە سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، دۆلەت زېمىنىنى تۈزەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، غەربىي رايوننىڭ ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، كەسىپ ئېكولوگىيەسىدە قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نىڭشيا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

نىڭشيا يېڭى يىلدا يېڭى نىشاننى كۆزلەپ، يېشىل ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تۇتقا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان يېشىل كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.