ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەللاردىكى نۇرغۇن ئامما جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 16:55

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، تېپىشماق تېپىش، خەلق مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاش، بېزەكلىك ئاپتوموبىلنى كۆرۈش، ئېسىل تائاملارنى تېتىش قاتارلىق مول، رەڭدار «يۈەنشياۋ بايرىمى» سەيلىسى، چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، چەتئەللەردىكى خەلق ئاممىسىغا قويۇق جۇڭگو يىلى پۇرىقى ۋە جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

يۈەنشياۋ بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، «شادىيانە چاغان-مۇزېيدا چاغان ئۆتكۈزۈش» ناملىق مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاۋسترالىيە دېڭىز ئىشلىرى مۇزېيىدا باشلاندى. پائالىيەتتە، ئەجدىھا-شىر ئۇسسۇلى، جۇڭگو كىلاسسىك ئۇسسۇلى، مىللىي مۇزىكا قاتارلىق ئويۇنلاردىن باشقا، يەنە خەتتاتلىق، جۇڭگوچە رەسىم، ئەلنەغمە يۈز گىرىمى قاتارلىق نۇرغۇن ماھارەتلەر كۆرسىتىلدى.

گېرمانىيەدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ 2023-يىللىق «چاغاننى ئىللىق كۈتۈۋېلىش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى، چامباشچىلىق، گۇچىن ۋە بامبۇك نەي مۇزىكىسى، دۆلەت ئۇسلۇبىدىكى كوچا ئۇسسۇلى قاتارلىق ئويۇنلار تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، يېڭى زېللاندىيەنىڭ سىياسىي ئىلىم ساھەسى، جۇڭگونىڭ يېڭى زېللاندىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار ۋە جۇڭگو-يېڭى زېللاندىيە خەلق ئاممىسى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى 2023-يىللىق ۋېللىنگتون جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتناشتى. تەيجى گۇمپىسى، بەلدۇمباق، جىڭجۈ تىياتىرى، چىپاۋ ماھارىتى قاتارلىق نومۇرلار قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. تاماشىبىنلار يەنە نەق مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن خەتتاتلىق، تېپىشماق تېپىش، چاغانلىق مەسنەۋى يېزىش، چاي سەنئىتى قاتارلىق مەدەنىيەت كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېبتىكى ماتىيا گۇبېتىس خەلقئارا مەكتىپىگە پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلدى. يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، زاگرېب داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ يەردە «جۇڭگونىڭ بايرىمىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شىر ئۇسسۇلى، ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى، مىللىي مۇزىكا ئورۇنلاش، تەيجى يەلپۈگۈچى قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مۇدىرى ياڭ خەييەن مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، كۇڭزى شۆيۈەنى تېخىمۇ كۆپ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىرودىيەلىكلەرنى جۇڭگونى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، رۇسىيە دۆلەتلىك ئادىمىيەت داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنى چاغاننى تەبرىكلەش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى، كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە موسكۋا شەھەر ئاھالىلىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى شۇ كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خەتتاتلىق، چاي سەنئىتى، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

ماۋرىتىئۇسنىڭ پايتەختى لۇئى پورتىدا، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، «شادىيانە چاغان» بېزەكلىك ئاپتوموبىل سەيلىسى ۋە مەيداندا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان ماۋرىتىئۇسنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇسنۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى-ماۋرىتىئۇسنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى دېدى.

بوتسىۋانا داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىكى لىخەي خەلقئارا باشلانغۇچ مەكتىپىدە، «جۇڭگونى سۆيۈش يىلى» ناملىق چاغاننى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى 500 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بىلەن بىرلىكتە توشقان يىلىدىكى چاغاننى تەبرىكلىدى.

رۇمىنىيەنىڭ پايتەختى بۇخارېستتا، «شادىيانە چاغان» ناملىق جۇڭگو كىنو كۈنى پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلاندى، باشلىنىش مۇراسىمىدا، سۇجۇدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى. بۇ پائالىيەت 2-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، «تۆمۈر يول قەھرىمانلىرى»، «جۇڭگو ئايروپىلان باشلىقى» قاتارلىق جۇڭگو فىلىملىرى رۇمىنىيەدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەللاردىكى نۇرغۇن ئامما جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، تېپىشماق تېپىش، خەلق مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاش، بېزەكلىك ئاپتوموبىلنى كۆرۈش، ئېسىل تائاملارنى تېتىش قاتارلىق مول، رەڭدار «يۈەنشياۋ بايرىمى» سەيلىسى، چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، چەتئەللەردىكى خەلق ئاممىسىغا قويۇق جۇڭگو يىلى پۇرىقى ۋە جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.