ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى تېپىشى زۆرۈر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 17:02

جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى بالى ئارىلىدا كۆرۈشكەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە بىخەتەرلىك كوللېكتىپى بىلەن مالىيە، ئىقتىساد-سودا كوللېكتىپى كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇزاكىرە قىلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈردى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى تېپىپ چىقىپ، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا مۇقىملىق ئاتا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىدە جۇڭگونى ئاتالمىش «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى» دەپ قاراشتىن باشتىن-ئاخىر ۋاز كەچمەي، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرالمىدى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى پەيدا قىلدى. ئامېرىكا يالې داشۆسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى روچ يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ تالاش-تارتىشى يەنىلا ئۈزۈلمىسە، ئىككى تەرەپنىڭ زور دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، دېدى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ پرىنسىپال ئورتاق تونۇشى بولمىسا بولمايدۇ. پىرىنسىپ بولغاندىلا يۆنىلىش بولىدۇ، يۆنىلىش بولغاندىلا ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بالى ئارىلىدىكى كۆرىشىش مەزگىلىدە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپىنى بېكىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىردەك ئېتىراپ قىلىپ، بۇ ھەقتە ئىجابىي مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. جۇڭگو جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇشىنى قايتا تەكىتلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە، يولدىن چەتنەپ كەتمەسلىكىگە، سۈرئەتنى يوقىتىپ قويماسلىقىغا، سوقۇلۇپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالاقىلىسىدە توپلانغان مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولغا قايتىشىنىڭ ئاساسى ئالدىنقى شەرتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشاش بولمىغان ئىككى چوڭ دۆلەت، ئىلگىرى ۋە ھازىرمۇ پەرق ۋە ئىختىلاپ مەۋجۇت، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە بولىدۇ، لېكىن بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەزەلدىن ئامېرىكىنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇشىغا دو تىكمەيدۇ، ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق ئېچىۋېتىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئوخشاشلا ئامېرىكىمۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چىقىشىپ ئۆتىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تەرەپ-بۇ خىل ئوخشىماسلىقنى ئېتىراپ قىلىشتا. بۇ خىل ئوخشىماسلىققا ھۆرمەت قىلىش، بىردەك زورلاش بولماسلىقى، قارشى تەرەپنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ھەتتا ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توقۇنۇشماسلىقى، قارشىلاشماسلىقى، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ تۈپ ئورتاق مەنپەئەتى. جۇڭگو ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتى باش مەقسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ. ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدىن قۇتۇلالماي، جۇڭگونىڭ قەدەممۇ قەدەم تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جۇڭگونى قىياسىي دۈشمەن دەپ قارىدى. بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشىدىكى زور توسالغۇ، ئامېرىكا چوقۇم بۇنى تېزدىن تۈگىتىشى كېرەك. خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىغا رىئايە قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، قارشىلىشىش، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك تورى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا توقۇنۇشۇپ قالسا، مەيلى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، قىززىق ئۇرۇش ياكى سودا ئۇرۇشى، پەن-تېخنىكا ئۇرۇشى بولسۇن، ئاخىرىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدۇ. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ يادروسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنىڭ ئاساسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان بىرىنچى قىزىل سىزىق. ئامېرىكا جۇڭگونى قورشاش، چەكلەش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىكى، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىكى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىماسلىقى، «ئىككى جۇڭگو»، «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن» بولۇشنى قوللىماسلىقى، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش غەرزى»دە بولماسلىقى كېرەك.

ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ھەقىقىي بايانى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئورتاق نىشان. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ساھەسىدە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتى بار، ھەمكارلاشسا بولىدۇ، ھەمكارلىشىشقا تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ. جۇڭگو تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بەش تىرىليون 50 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. ئىككى تەرەپ تارىخ، دۇنيا، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيە بىلەن، قارشىلاشماي سۆزلىشىش، نۆل يىغىندىلىق قارشىلاشماي، قوش پايدا ئېلىش ئالاقە رېتىمىنى بېكىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ئىزىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىشى، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى تېپىشى زۆرۈر

جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى بالى ئارىلىدا كۆرۈشكەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە بىخەتەرلىك كوللېكتىپى بىلەن مالىيە، ئىقتىساد-سودا كوللېكتىپى كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇزاكىرە قىلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈردى