ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ياسىمىچىلىقى تېز يۈكسىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 17:05

جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 1-ئايلىق دۇنيا ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. كۆرسەتكۈچتىن يەتتە ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۇدا تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن بىر ئاز ئۆرلىگەنلىكى ئايان بولدى. مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقى تېز يۈكسىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئاساسلىق كۈچ قوشتى، دېدى.

1-ئايدا دۇنيا ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى %49.2 گە يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.6 پوئېنت ئۆرلەپ، ئۇدا يەتتە ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى. دۇنيا ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۇدا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بۇ 2022-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيانقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تۆۋەنلىشىنىڭ پەسەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇڭگو سىياسەت ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى ئىقتىسادىي سىياسەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ خۇڭسەي تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاساسلىقى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىشىدىن بولدى. 1-ئايدا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى %50.1 گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.1 پويىنت ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى توسىدىغان ئاساسلىق تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتىدا 2023-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ (كۆزلىمە) ئېشىش سۈرىتى 0.2 پوئېنت يەنى %2.9 كە ئۆستۈرۈلدى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى يەنىلا %50 تىن تۆۋەن، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىشىش سالمىقىنى يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان ئېنىقسىز تەسىرى يەنىلا مەۋجۇت، ئېھتىياج يېتىشمەسلىك مەسىلىسى يەنىلا يەر شارىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك مەسىلە. پۇل پاخاللىقىنى پەسەيتىش بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزلۈكسىز تەڭپۇڭلۇق يەنىلا نۇرغۇن دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئىككى قىيىن تاللاش.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قىلىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەۋرىشىملىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىش يولىغا قايتىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有